عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: «مَنْ تَطَبَّبَ، ولا يُعْلَمُ مِنْهُ طِبٌّ، فهو ضامِنٌ»
[حسن] - [رواه أبوداود والنسائي وابن ماجه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىمكى تىبابەتتىن خەۋىرى يوق تۇرۇپ كېسەل داۋالىسا، ئاقىۋەتكە ئۇ كىشى ئۆزى ئىگە بولىدۇ»
ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: تىبابەتنى بىلمەيدىغان ياكى ياخشى قىلالمايدىغان ئادەم كىشىلەرنى ئالداپ مەن دوختۇر دەپ داۋا قىلىپ، ئۇلارنى داۋالاپ، بىر جاننى ياكى بىرەر ئەزانى ھالاك قىلىۋەتسە، بۇ كىشى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەيدۇ، چۈنكى ئۇ بىلمەيدىغان نەرسىنى بىلىمەن دەپ، كىشىلەرنى ئالداپ، قەستەن زىيانكەشلىك قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تىبابەتنى بىلىدىغان كىشىمۇ قەستەن كېسەلنى ھالاك قىلىۋەتسە، ئۇ كىشى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەيدىغانلىقى ئالىملار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەسىلە، شۇنىڭدەك بۇ ئىشقا ئىلمى ۋە ئەمەلى تەجرىبىسى بولمىغان بىر كىشى قول تىقىدىكەن، ئۇ كىشى قەستەن قىلغان بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى ھالاك بولسا، ئۇ كىشى تۆلەم تۆلەيدۇ، قىساس چۈشۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بۇ ئىشنى كېسەلنىڭ رۇخسىتىسىز قىلمىغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش