1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. ئەقىدە ئىلمى

ھەدىس سىلەر قىزىل يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى پاناق، كۆزلىرى كىچىك، يۈزلىرى تېرە قاپلانغان قالقانلاردەك، ئاياقلىرى يۇڭدىن ياسالغان خوزا ۋە كەرمان ئەجەملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلمىغىچە قىيامەت بولمايدۇ

عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعًا: «لا تقوم الساعة حتى تُقاتِلوا خُوزًا وكِرْمان من الأعاجم، حُمْر الوجوه، فُطْس الأُنوف، صِغار الأعين، وجوههم المِجَانُّ المُطْرَقة، نعالهم الشعر».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر قىزىل يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى پاناق، كۆزلىرى كىچىك، يۈزلىرى تېرە قاپلانغان قالقانلاردەك، ئاياقلىرى يۇڭدىن ياسالغان خوزا ۋە كەرمان ئەجەملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلمىغىچە قىيامەت بولمايدۇ»

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

مۇسۇلمانلار ئەجەم شەھەرلىرىدىن خوزا ۋە كەرمانلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى: بەدەنلىرىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، يۈزلىرى قىزىلغا مايىل ئاق، بۇرۇنلىرى پاناق، كۆزلىرى كىچىك، يۈزلىرى كەڭ ۋە يۇمىلاقلىقتا قالقانغا، گۆشلىرىنىڭ كۆپ ۋە قېلىن بولغانلىقى ئۈچۈن تېرە قاپلانغان نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ، يۇڭدىن ياسالغان ئاياقلاردا مىڭىشىدۇ

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

14 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية