عن عبد الله بن مسعود رضي الله عنه مرفوعًا: «ليس مِنَّا من ضرب الْخُدُودَ، وشَقَّ الْجُيُوبَ، ودعا بِدَعْوَى الجاهلية».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھدىن: «يۈزلىرىگە ئۇرۇپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، جاھىلىيەتتىكىدەك نالە-پەرياد قىلغانلار بىزدىن ئەمەس» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئاللاھنىڭ ئالغىنى ۋە بەرگىنى ئۆزىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭدا تولۇق بىر ھىكمەت ۋە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بار. بۇ ئىشلارغا ئىتىراز بىلدۈرگۈچى ياكى قارشىلاشقۇچى، ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرىغا ئىتىراز بىلدۈرگەن بولىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرى مەنپەئەت ۋە ھىكمەتدۇر، ئادالەت ۋە ياخشىلىقنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بۇ ھەدىستە، كىمىكى ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە نارازى بولسا ۋە سەۋرسىزلىك قىلسا رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ كۆرسەتمىسىگە قارشى ئىش تۇتقان بولىدۇ، توغرا يولدىن چەتنىگەن، يوقسۇزلۇق، كېسەللىك يەتكەندە زارلانغۇچىلارنىڭ، چىدامسىزلارنىڭ يولىنى تۇتقان بولىدۇ، ھەقىقەتەن بۇلار ھاياتى دۇنياغا باغلانغان، يەتكەن مۇسىبەتكە ئاللاھ تائالادىن ساۋاب-ئەجىر كۈتمەيدىغان كىشىلەردۇر. رەسۇلۇللاھ ئىمانى ئاجىز، مۇسىبەتكە سەۋر قىلالمايدىغانلاردىن بىزار، ئۇلار مۇسىبەت يەتكەندە قەلبىدىكى نارازىلىقنى نال-پەرياد، كېيىملىرىنى يىرتىش، يۈزلىرىگە ئۇرۇش ئارقىلىق سىرتىغا چىقىرىدۇ، بۇلار ھەممىىسى جاھىلىيەتنىڭ قىلمىشلىرى. ھالبۇكى ئاللاھ تائالانىڭ دوستلىرى بولسا مۇسىبەت يەتكەندە تەقدىرگە تەن بېرىپ: «بىز ئەلىۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» دەيدۇ. ئەھلى سۇننەت مەزھىبىدە مۇسۇلمان گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن، گەرچە ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك چوڭ گۇناھ بولسىمۇ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، يەنى كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ، بۇ ھەقتە كۆپ سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ ئۇ ھەدىسلەرنىڭ يۈزەكى مەنىسىدە بۇنداق چوڭ گۇناھلارنى قىلغانلار ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن «مۇسىبەت يەتكەندە يۈزلىرىگە ئۇرۇپ كېيىملىرىنى يىرتىپ يىغلىغانلار بىزدىن ئەمەس» دېگەن ھەدىس ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار. بۇ ھەقتە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: ئىيمان ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بىرى: ئىيمان ئېيىتقان كىشىنى دوزاخقا كىرىشتىن ساقلاپ قالىدۇ، يەنە بىرى: دوزاختا مەڭگۈ قېلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ، ئەمما دوزاخقا كىرىشتىن ساقلاپ قالمايدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىيمانى مۇكەممەل بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا تولۇق ئەگىشىپ ماڭغان بولسا، بۇ ئىيمان ئۇ كىشىنى دوزاخقا كىرىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. يەنە ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: ھەر بىر نەرسىنىڭ شەرىت ۋە چەكلىمىلىرى بولىدۇ، شەرىتلىرى تولۇق تېپىلىپ، چەكلىمىلەردىن خالى بولغاندا ئۇ نەرسە مۇكەممەل بولغان بولىدۇ. تۆۋەندە ئۇنىڭغا بىر مىسال ئېلىپ ئۆتەيلى، شەرىئەت بىر گۇناھقا جازا بەلگىلىگەن بولسا، ئۇ گۇناھنى قىلغۇچى جازاغا تارتىلىشى ئۈچۈن بۇنى چەكلەيدىغان چەكلىگۈچى بولماسلىقى كېرەك، ئۇ چەكلىگۈچى بولسىمۇ ئىماندۇر، ئىمان ئىگىسىنى دوزاختا مەڭگۈ قېلىشتىن ساقلايدۇ ۋە چەكلەيدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ