عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ: أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«لاَ تَقُومُ السَّاعَةُ حَتَّى تَطْلُعَ الشَّمْسُ مِنْ مَغْرِبِهَا، فَإِذَا طَلَعَتْ فَرَآهَا النَّاسُ آمَنُوا أَجْمَعُونَ، فَذَلِكَ حِينَ: {لاَ يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آمَنَتْ مِنْ قَبْلُ، أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا} [الأنعام: 158] وَلَتَقُومَنَّ السَّاعَةُ وَقَدْ نَشَرَ الرَّجُلاَنِ ثَوْبَهُمَا بَيْنَهُمَا فَلاَ يَتَبَايَعَانِهِ، وَلاَ يَطْوِيَانِهِ، وَلَتَقُومَنَّ السَّاعَةُ وَقَدِ انْصَرَفَ الرَّجُلُ بِلَبَنِ لِقْحَتِهِ فَلاَ يَطْعَمُهُ، وَلَتَقُومَنَّ السَّاعَةُ وَهُوَ يَلِيطُ حَوْضَهُ فَلاَ يَسْقِي فِيهِ، وَلَتَقُومَنَّ السَّاعَةُ وَقَدْ رَفَعَ أَحَدُكُمْ أُكْلَتَهُ إِلَى فِيهِ فَلاَ يَطْعَمُهَا».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كۈن مەغرىبتىن چىقمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، كۈن مەغرىپتىن چىققاندا، بۇنى كۆرۈپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيىتىدۇ، ئاشۇ﴿لاَ يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آمَنَتْ مِنْ قَبْلُ، أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا﴾‏ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ» [سۈرە ئەنئام 158-ئايەت]. ئەلۋەتتە ئىككى كىشى سودا -سېتىق قىلىش ئۈچۈن رەختلىرىنى يايىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سودا پۈتمەي تۇرۇپ ۋە رەختلىرىنى قاتلىماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىر كىشى سۈتلۈك تۆگۈسىنى سېغىپ ئېچمەكچى بولىدۇ، سۈتىنى سېغىپ ئېچەلمەي قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى سۇ ئېچىدىغان كۆلنى قىرلاپ سۈيىنى ئېچەلمەستىن قىيامەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ بىرىڭلار يىمەكنى ئېغىزىغا كۆتۈرۈپ يۇتماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈننىڭ مەشرىقتىن چىقماستىن مەغرىبتىن چېقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بەردى، كىشىلەر بۇنى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتىدۇ. ئ‍ۇ ۋاقىتتا كاپىرنىڭ ئىمانى مەنپەئەت بەرمەيدۇ، شۇنداقلا، ئۇ ۋاقىتتا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەر ۋە تەۋبىمۇ مەنپەئەت بەرمەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز بولىدىغانلىقى، ھەتتا قىيامەت بولغاندا كىشىلەر ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ھايات ئىشلىرى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى بىلەن بولىدۇ. ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى سودا -سېتىق قىلىش ئۈچۈن رەختلىرىنى يايىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سودا پۈتمەي تۇرۇپ ۋە رەختلىرىنى قاتلىماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى سۈتلۈك تۆگىسىنى سېغىپ سۈتىنى ئېچەلمەستىن قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى سۇ تولدۇرۇش ئۈچۈن كۆلىنى قىرلاپ بولۇپ سۈيىنى ئېچەلمەستىن قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى قولىدىكى يېمەكنى ئېغىزىغا كۆتۈرۈپ ئاغزىغا سالماستىن قىيامەت بولىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. كۈن مەغرىبتىن چىقىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولسا ۋە تەۋبە قىلسا قوبۇل قىلىنىدۇ.
  2. قىيامەتكە ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن تەييارلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش چۈنكى قىيامەت تۇيۇقسىز كېلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ