عن أبي موسى الأشعري رضي الله عنه مرفوعاً: «إذا أراد الله تعالى رحمة أُمَّة، قَبض نبيَّها قبلها، فَجَعَلَهُ لها فَرَطًا وسَلفًا بين يديها، وإذا أراد هلَكَةً أُمَّة، عَذَّبَها ونَبِيُّهَا حَيٌّ ، فأهْلَكَها وهو حَيٌّ يَنظرُ، فأقرَّ عينَه بِهَلاَكِهَا حين كذَّبُوه وعَصَوا أمرَه».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ بىرەر ئۈممەتكە رەھمەت قىلماقچى بولسا، ئۈممەتنى كۈتۈپ تۇرغۇچى سۈپىتىدە ئۇلاردىن ئىلگىرى پەيغەمبىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۈممەتنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى ھايات تۇرۇقلۇق ئۇلارغا ئازاب ئەۋەتىپ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلار پەيغەمبىرىگە تېنىپ ئۇنىڭ بۇيرىقىغا ئاسىيلىق قىلغان چاغدا، ئۇ قەۋىمنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق پەيغەمبەرنى خاتىرجەم قىلىدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۈممەتلەردىن بىرەر ئۈممەتكە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، پەيغەمبەردىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈممىتى قىلىپ قالىدۇ، پەيغەمبەر جەننەتتە ئۇلاردىن ئىلگىرى بولىدۇ ۋە ئۈممىتى ئۈچۈن شاپائەتچى بولىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مەن سىلەرنى ئۇسسۇزلۇققا قاندۇرۇش ئۈچۈن كۆلگە ئىلگىرى بارىمەن»، ئاللاھ بىرەر ئۈممەتنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، پەيغەمبىرى ھايات ھالەتتە ئۇ ئۈممەتنى ئازابلايدۇ ۋە ھالاك قىلىدۇ، خۇددى نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىنى ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئازابلاپ ھالاك قىلغانغا ئوخشاش. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتكە ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئۈممەتكە قىلغان رەھمىتىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلۇللاھنى بۇ ئۈممەتكە تەييارلىغان ھەدىيەسى ۋە رەھمىتىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق»ئەنبىيا سۈرىسى 107-ئايەت. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن رەھمەتتۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات تۇرۇپ بۇ ئۈممەتنى ئازابلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى. بۇ ئۈممەتكە ئۆزىنىڭ پەزلى ۋە ياخشىلىقىنى زىيادە قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ» ئەنپال سۈرىسى 33-ئايەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ