عَنِ ابْنِ عُمَرَ رضي الله عنهما أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«أُمِرْتُ أَنْ أُقَاتِلَ النَّاسَ حَتَّى يَشْهَدُوا أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللَّهِ، وَيُقِيمُوا الصَّلاَةَ، وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ، فَإِذَا فَعَلُوا ذَلِكَ عَصَمُوا مِنِّي دِمَاءَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ إِلَّا بِحَقِّ الإِسْلاَمِ، وَحِسَابُهُمْ عَلَى اللَّهِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسانلار بىلەن ئۇلار: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇپ، زاكاتنى تولۇق ئادا قىلغۇچە ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ئۇلار يۇقارقى ئىشلارنى قىلسا، مەندىن جانلىرى، ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئىسلامنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان ھەقلەر بۇنىڭ سىرتىدا، ئۇلارنىڭ ھېسابى ئاللاھقا بولىدۇ».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى مۇشرىكلار بىلەن ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە، مۇشۇ شاھادەت كەلىمىسى تەقەززا قىلىدىغان بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلغانغا، مېلىغا پەرز قىلىنغان زاكاتنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بەرگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. ئۇلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى ئادا قىلسا، ئىسلام ئۇلارنىڭ جانلىرى، ماللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئۇلار ئىسلام ھۆكۈمىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان بىرەر جىنايەت سادىر قىلسا ئۇ ۋاقىتتا ئۆلتۈرىلىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنىدە ئۇلاردىن ھېساپ ئېلىشقا ئاللاھ تائالا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان سىرلىرىنى بىلگۈچىدۇر.