+ -

عن عبد الله بن مغفل رضي الله عنهما قال: نَهَى رسول الله صلى الله عليه وسلم عن الخَذْف، وقال: «إِنَّه لاَ يَقتُلُ الصَّيدَ، ولاَ يَنْكَأُ العَدُوَّ، وإِنَّهُ يَفْقَأُ العَيْنَ، ويَكسِرُ السِّنَ». وفي رواية: أن قَرِيباً لابن مغفل خَذَفَ فنَهَاه، وقال: إن رسول الله صلى الله عليه وسلم نهى عن الخَذْفِ، وقال: «إِنَّهَا لاَ تَصِيدُ صَيداً» ثم عاد، فقال: أُحَدِّثُك أنَّ رسول الله نهى عنه، ثم عُدتَ تَخذِفُ! لا أُكَلِّمُكَ أَبَداً.
[صحيح] - [متفق عليه والرواية الثانية لفظ مسلم]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: ئۇنىڭ بىلەن ئوۋ ئوۋلىغىلى ياكى دۈشمەننى يارىلاندۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت كۆزنى قۇيۇپ، چىشنى سۇندۇرىدۇ، دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەلنىڭ تۇغقىنى توسقانغا قارىماي كىچىك شېغىل تاش ئاتتى، ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا : پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى، دېگەندە ئۇ يەنە ئاتقان ئىدى. ئابدۇللاھ: مەن ساڭا رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلساممۇ يەنە ئاتامسەن؟ مەن ساڭا ھەرگىز گەپ قىلمايمەن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: ئۇنىڭ بىلەن ئوۋ ئوۋلىغىلى ياكى دۈشمەننى يارىلاندۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت كۆزنى قۇيۇپ، چىشنى سۇندۇرىدۇ، دېدى. والحذف: ئۆلىمالار ئۇنىڭ مەنىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان. كىچىك تاشنى ئوڭ قولىنىڭ بېگىز بارمىقى بىلەن سول بېگىز بارمىقى ئارلىقىدا قويۇپ ئېتىش، ياكى باش بارماق بىلەن بېگىز بارماق ئارلىقىدا قويۇپ، بېگىز بارماق بىلەن ئېتىش، ياكى بېگىز بارماققا قويۇپ باش بارماق بىلەن ئېتىش، دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوۋغا شېغىل تاش ئېتىشتىن توسقان. ئالىملار بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، ئۇ تاش ئادەمنىڭ كۆزىنى قۇيىۋېتىدۇ، چىشىنى سۇندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ تورى بولمىغانلىقتىن ئوۋنىمۇ ئوۋلىيالمايدۇ، دۈشمەننىمۇ زەخمىلەندۈرەلمەيدۇ، يەنى دۈشمەننى قورقىتالمايدۇ. چۈنكى دۈشمەن دېگەن بۇ كىچىك تاشتىن ئەمەس بەلكى يا ئوقىدىن قورقىدۇ. ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەلنىڭ بىر تۇغقىنى كىچىك بىر تاشنى ئېلىپ چىقتى، ئابدۇللاھ ئۇ تاشنى ئېتىشتىن توستى ۋە ئۇنىڭغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شېغىل تاش ئېتىشتىن توسقانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئابدۇللاھ ئۇنىڭ يەنە شېغىل تاش ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇ ئان ئۇنىڭغا: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ توسقانلىقىنى دېسەممۇ يەنە ئاتامسەن؟ مەن سەن بىلەن ھەرگىز سۆزلەشمەيمەن، دەپ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بايقۇت قىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ