عن أنس بن مالك رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : "لا عدوى وَلَا طِيَرَةَ، وَيُعْجِبُنِي الفَأْلُ. قالوا: وما الفأل؟ قال: الكلمة الطيِّبة".
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، شۇم پال ئېلىش يوق، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە كېسەلنىڭ ئۆزلىكىدىن يۇقمايدىغانلىقىنى، يامان پالنىڭ تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياخشى پال ئېلىشنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۇنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەققىدە ياخشى گۇمان قىلىش بولسا، ئۈمىد-ئارزۇغا يېتىش يولىدا ئىنساننى ھىممەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ. شۇم پال ئېلىش بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر. ئومۇمەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئارسىدىكى پەرىق تۆۋەندىكىچە: 1- ياخشى پال ئېلىش خۇشال قىلىدىغان ئىشلاردا بولىدۇ، شۇم پال ئېلىش بولسا قايغۇ ۋە خاپىلىق ئېلىپ كىلىدىغان ئىشلاردا بولىدۇ. 2- ياخشى پال ئېلىش ئاللاھ تائالا ھەققىدە ياخشى گۇماندا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى بەندە ئاللاھ تائالاغا ياخشى گۇمان قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئەمما شۇم پال ئېلىش بولسا، ئاللاھ تائالاغا يامان گۇماندا بولغانلىق بولۇپ، بەندە ئۇنىڭدىن چەكلەنگەن