عن عبد الرحمن بن سمرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «لا تحلفوا بِالطَّوَاغِي، ولا بآبَائِكُم».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئابدۇرەھمان ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇتلار ۋە ئاتىلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلماڭلار»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغۇتلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ، تاغۇتلار جاھىلىيەتتە چۇقۇنىلىدىغان بۇتلاردۇر، چۈنكى ئۇلار ھەددىدىن ئېشىش ۋە كۇپۇرلۇقنىڭ سەۋەبىدۇر، ھەر قانداق نەرسە ئۇلۇغلاشتا ۋە باشقا ئىشلاردا چەكتىن ئاشسا، ھەددىدىن ئاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق»، ھاققە سۈرىسى، 11-ئايەت. ئەرەپلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىلاھلىرى ۋە ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن قەسەم قىلاتتى، ئۇلار يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك بۇنداق قىلىشتىن چەكلەندى. ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقا ھەدىسشۇناسلار ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «ئاتا-ئانىلىرىڭلار بىلەن ۋە بۇتلار بىلەن قەسەم قىلماڭلار!»، «نىد» دېگەن «ئوخشىشى» دېگەن مەنادا بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن «لات»، «ئۇززا» دەك ئاللاھقا ئوخشاش چوقۇنىلىدىغان بۇتلار مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «دېققەت قىلىڭلار!، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئاتاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ، كىم قەسەم قىلىدىكەن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن»، «ئاتاڭلار» نىڭ ئىچىگە قىرىنداشلىرىڭلارمۇ، بوۋىلىرىڭلارمۇ، باشلىقلىرىڭلارمۇ كىرىدۇ، ئادەتلەنگەن ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتىلار خاس تىلغا ئېلىندى، «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن» دېگەننىڭ مەنىسى: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى قەسەم قىلمىسۇن، ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىسۇن» دېگەنلىكتۇر، ئۆلىمالار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەشتىكى ھېكمەت: قەسەم قەسەم قىلىنغان نەرسىنى ئۇلۇغلاشنى تەقەززا قىلىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلۇغلۇق پەقەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ غەيرى باراۋەر قىلىنمايدۇ، مۇسلىمنىڭ شەرھىسى، 11-توم، 105-108بەت، سۇبۇلۇس سالام، 2-توم، 545-بەت، ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ شەرھى رىيازۇس سالىھىين 6-توم، 453-بەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ