عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه قال: بعَث عليُّ بن أبي طالب رضي الله عنه إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم مِن اليَمَن بذُهَيْبة في أدِيمٍ مَقْرُوظ، لم تُحَصَّل من تُرَابِها، قال: فقَسَّمها بين أَربعَة نَفَر، بين عُيَيْنة بن بدر، وأقْرَع بنِ حَابِس، وزَيدِ الخَيل، والرابع: إِمَّا عَلقَمَة وإمَّا عَامِر بنُ الطُّفَيل، فقال رجل مِن أَصحَابه: كُنَّا نحْن أحق بهذا من هؤلاء، قال: فبلغ ذلك النبيَّ -صلَّى الله عليه وسلم- فقال: «ألا تَأْمَنُونِي وأنا أمينُ مَن في السَّماءِ، يَأْتِينِي خبرُ السماءِ صباحًا ومساءً»، قال: فقام رجلٌ غائِرُ العَيْنَيْنِ، مُشْرفُ الوَجْنَتين، ناشِزُ الجَبْهة، كَثُّ اللِّحيَة، مَحْلُوقُ الرَّأس، مُشَمَّر الإزار، فقال يا رسولَ الله اتَّق الله، قال: «وَيْلَك، أَوَلَسْتُ أحقَّ أهلِ الأرض أن يتَّقِيَ الله» قال: ثم ولَّى الرَّجلُ، قال خالد بن الوليد: يا رسول الله، ألا أضرِبُ عُنُقَه؟ قال: «لا، لَعَلَّه أنْ يكون يُصَلِّي» فقال خالد: وكَم مِن مُصَلٍّ يقول بلسانِه ما ليس في قلبِه، قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إني لم أومَرْ أنْ أُنَقِّبَ عن قلوب الناس ولا أَشُقَّ بطونَهم» قال: ثم نظر إليه وهو مُقْفٍ، فقال: «إنه يخرج من ضِئضِئ هذا قومٌ يتلونَ كتابَ اللهِ رَطْبًا، لا يُجَاوِز حَنَاجِرَهم، يَمْرُقون من الدِّين كما يَمْرُق السَّهْمُ مِن الرَّمِيَّة»، وأظنه قال: «لئن أدركتُهم لأَقْتُلَنَّهُم قَتْلَ ثمودَ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەمەندىن ئاشلانغان تىرىگە يۆگەلگەن ئازغىنە ئالتۇن رودىسىنى ئەۋەتتى، ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەردىن ئۇيەينە ئىبنى بەدىر، ئەقرەئ ئىبنى ھابىس، زەيد ئەلخەيىل، تورتىنچىسى ئەلقەمە ياكى ئامىر ئىنبى تۇپەيىل قاتارلىق كىشىلەرگە بۆلۈپ بەردى. ساھابىلەر ئىچىدىن بىر كىشى: ئۇلارغا قارىغاندا بىز ھەقلىق ئىدۇق دېدى. بۇ سۆز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكەندە مۇنداق دېدى: مەن يەر يۈزىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىشەنچىلىك بەندىسى، كېچە-كۈندۈز ماڭا ۋەھىي كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر ماڭا ئىشەنمەمسىلەر. ئۇلار ئىچىدىن ئورا كۆز، مەڭزى دومباق، دۇقا پىشانە، بومبا ساقال، چېچى چۈشۈرۋېتىلگەن، كىيىمىنى«ئىزارىنى» تۈرىۋالغان بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھتىن قورققىن! دېدى. رەسۇلۇللاھ: ۋاي ئېسىت ساڭا مەن زېمىن يۈزىدىكى ئاللاھتىن ئەڭ قورققۇچى ئەمەسمۇ؟ دېگەندە ئۇ كىشى ئارقىغا قاراپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا خالىد ئىبنى ۋەلىد: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بوينىغا ئۇرمايمۇ؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: ياق ئۇنداق قىلما، ئۇ ناماز ئوقۇيدىغان بولىشى مۇمكىن، دېدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد: كۆپلىگەن كىشىلەر ناماز ئوقۇيدۇ ئەمما تىلى بىلەن دىلى باشقىچە، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: مەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىچ-باغرىنى يېرىش ئۈچۈن كەلمىدىم، دېدى. ئەبۇ سەئىد دەيدۇ: ئۇ كىشى كېتىۋاتقاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا قاراپ: بۇنىڭ پۇشتىدىن بىر تائىپە چىقىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىزچىل ئوقۇيدىغان، لېكىن كېكىردىكىدىن ئۆتمەيدىغان، دىندىن خۇددى يا ئوقى ئوۋدىن تىشىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك چىقىپ كىتىدىغان كىشىلەر. يەنە مۇنداق دېدى دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ زامانىغىچە ياشاپ قالسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمەن، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنى دەۋەت، زاكات يىغىش، مۇسۇلمانلار ئارسىدىكى تالاش-تارتىشلارغا ھۆكۈم قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىپ يەمەنگە ئەۋەتتى، بۇ ھەججەتۇل ۋىدائدىن ئىلگىرى ئىدى. ئاندىن ئەلى يەمەندىن رەسۇلۇللاھ بىلەن مەككىدە ھەج ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا قايتىپ كېلىپ ئۈچراشتى، ئەلى ئۆزى كېلىشتىن ئىلگىرى رەسۇلۇللاھقا توپىلىرىدىن تازلانمىغان بىر ئالتۇن رودىسىنى ئەۋەتكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ ئالتۇن رودىسىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تورت نەپەر كىشىگە ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن بۆلۈپ بەردى، چۈنكى ئۇلار قەبىلە بېشى بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كېرىشى بىلەن قەۋمىمۇ ئىسلامغا كېرەتتى. شۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئىسلامغا قىزىقتۇرۇپ، قەلبىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن بۇ ئالتۇن رودىسىنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگەن ئىدى. مۇسۇلمان بولۇپ بولغانلار بولسا ئۇلارنىڭ ئەقىدە-ئىمانىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن بىرەتتى. شۇنداقلا ھەم بۇ ئالتۇن رودىسى ئومۇمى غەنىمەتتىن بولماستىن، رەسۇلۇللاھنىڭ تېگىشلىكى بولغان بەشتەن بىرىدىن ئىدى، ئالىملار بۇ ئالتۇننىڭ ئومۇمى غەنىمەتتىن بولىشىنى يىراق سانىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇننى يۇقىرىقى تورت نەپەر كىشىگە بەرگەندە مۇسۇلمانلار توپىدىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇلارغا قارىغاندا بۇ ئالتۇنغا بىز ھەقلىق ئىدۇق، دېگەندە رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: مەن ئاسماندىكى زاتنىڭ «ئىشەنچىلىك بەندىسى» كېچە-كۈندۈز ماڭا ۋەھىي كېلىپ تۇرىدىغان تۇرسا، سىلەر ماڭا ئىشەنمەمسىلەر. يەنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە مېنى ئىشىنىپ تاللىغان تۇرسا سەن ۋە ساڭا ئوخشاش ئازغۇن پىتنەخورلار ئەرزىمەس ئازغىنە دۇنيالىق نەرسىلەردە ماڭا ئىشەنمەمسىلەر؟ ئۇ مالنى ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەندەك ھەقلىق كىشىلەرگە بېرىدىغانلىقىمغا ئىشەنمەمسىلەر؟ دېدى. «ئاسماندىكى زات» دېگەن بۇ سۆز ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقلىرىدىن ئۈستۈن، بۈيۈك ئىكەنلىكىگە دەلىل، يەنە بۇ جۈملە «ئاسماندىكى زات» ئاسماندىكى ئاللاھ تائالا دېگەننى بىلدۈرىدۇ، بۇ يەردە «فى» ئىچىدە دېگەن رەۋىش سۆزىنىڭ مەنىسى، «على» ئۈستىدە دېگەن مەنىدە، چۈنكى ئەرەبلەر تۆۋەندىكى مىساللاردا «فى» نى «على» مەنىسىدە ئىشلەتكەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇشرىكلار» يەر يۈزىدە خالىغىنىڭلارچە يۈرۈڭلار. ھەممىڭلارنى خورما دەرىخىغا ئاسىمەن، دېگەن ئايەتلەردىكى ئىككى ئورۇندا «فى» ئۈستىدە دېگەن مەنىدە كەلگەن، زېمىن ئۈستىدە، خورما ئۈستىگە دېگەندەك، شۇنىڭدەك يۇقارقى «فى السماء» دېگەن سۆزىمۇ ئاسماندىكى ئەرىش ئۈستىدە دېگەن مەنىدە. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدىكى مەنىگە ئوخشاش، «ئى كۇففارلار ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟» «ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟» دېگەن ئايەتلەر. شۇ ئەسنادا مۇسۇلمانلار توپىدىن كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكتىن ئاستىغا پېتىپ كەتكەن، مەڭزىنىڭ سۆڭەكلىرى مۈڭگۈز كەبى چىقىپ تۇرغان، پىشانىسى دۇقا، بومبا ساقال، چېچىنى ئېلىۋتكەن، كىيمىنى ئوشۇقىنىڭ ئۈستىدە تۇرىۋالغان بىر كىشى تۇرۇپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئاللاھتىن قورققىن! دېدى. رەسۇلۇللاھ: ۋاي ئىسىت ساڭا يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئاللاھتىن قورقايدىغىنى مەن ئەمەسمۇ؟ دېدى. يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلار ئىچىدىن ئاللاھ تائالاغا ئەڭ بويسۇنۇش، قورقۇشقا ئەڭ لايىق كىشى ئىدى. تائەت-ئىبادەتنى گۇناھ دەپ تونۇش ئازغۇنلۇقنىڭ يۇقىرى پەللىسى، بۇ پىتنىخور كشىى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەقسىماتىنى ئادالەتسىزلىك، گۇناھ دەپ تونىۋالغانلىقتىن ئۆزىنى تەقۋادارلىققا بۇيرۇغۇچى سۈپىدە تۇتۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە «ئاللاھتىن قورققىن» دېگەن. ھالبۇكى رەسۇلۇللاھنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى تەقۋادارلىق ۋە كاتتا ئىبادەتنىڭ ئۆزى، ئىدى. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن بەرگەن ئىدى. بۇ كىشى قايىتماقچى بولغاندا، خالىد ئىبنى ۋەلىد رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ مەن ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىۋەتمەيمۇ؟ دېگەندە رەسۇلۇللاھ: ياق ئۇنداق قىلما، ئۇ ناماز ئوقۇيدىغان بولىشى مۇمكىن، دېدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد: كۆپلىگەن كىشىلەر ناماز ئوقۇيدۇ ئەمما تىلى بىلەن دىلى باشقىچە، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: مەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىچ-باغرىنى يېرىش ئۈچۈن كەلمىدىم، دېدى. يەنى: مەن كىشىلەرنىڭ تاشقى ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىمەن، ئىچكى ئەھۋالىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچى، ھېسابىنى ئۆزى سورايدۇ، دېگەن. يەنە بىر ئىبارىدە خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئورنىدا ئۆمەر ئىدى دەپ كەلگەن. ئاندىن ئۇ كىشى كېتىۋاتقاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا قاراپ مۇنداق دېگەن: بۇنىڭ پۇشتىدىن بىر تائىپە چىقىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىزچىل ئوقۇيدىغان، لېكىن كېكىردىكىدىن ئۆتمەيدىغان، دىندىن خۇددى يا ئوقى ئوۋدىن تىشىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك چىقىپ كىتىدىغان كىشىلەر، ئۇلارنىڭ زامانىغىچە ياشاپ قالسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمەن. بۇ يەردە مەقسەت، بۇ ئازغۇن كىشىنىڭ تۈرىدىكى كىشىلەردىن چىقىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاش يول تۇتىدۇ، قۇرئاننى كۆپ ئوقۇغانلىقتىن ۋە يادقا ئالغانلىقتىن ئۇنى ناھايىتى ئاسان ئوقۇيدۇ، بىراق ئۇ قۇرئان ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئوزۇق بەرمەيدۇ، قۇرئاننى ئاللاھنىڭ مەقسەت-مۇرادى بىلەن چۈشەنمەيدۇ، ئازغۇن نادان بولغانلىقتىن بەلكى مەنالىرىن بۇرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دىندىن خۇددى ئۇ دىنغا بۇرۇن كىرىپ باقمىغاندەكلا، تەسىرلەنمەيلا، تىز ۋە ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ، بۇ بولسا ئۇلارنىڭ دىنغا كىرگىنى بىلەن ئىمان قەلبىگە مۇستەھكەم ئورنىمىغانلىقىدىن، دىننى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى، مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ بۇتپەرەس كاپىرلارغا چېقىلمايدۇ، دەپ رەسۇلۇللاھ ئالدىن خەۋەر بەرگەن. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئەگەردە ئۇلارنىڭ زامانىدا مەن ھايات بولسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمى ئۆلتۈرۈلگەندەك ئۆلتۈرىمەن، يەنى تامامىسىنى ئۆلتۈرۈپ نەسلىنى قۇرتىۋېتىمەن، دېگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ