عن أبي بكرة رضي الله عنه قال: أخرج النبي صلى الله عليه وسلم ذات يوم الحسن، فصعد به على المنبر، فقال: «ابني هذا سيِّد، ولعلَّ اللهَ أن يُصلحَ به بين فئتين من المسلمين».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەسچىتكە بىرگە ئېلىپ چىقىپ مۇنبەرگە چىقتى ۋە: «مېنىڭ بۇ نەۋرەم ئالى جاناپتۇر، ئاللاھ تائالا بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئىككى جامائەتنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىركۈنى نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆزى بىلەن مەسچىتكە بىرگە ئىلىپ چىقتى، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىك ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆتۈرۈپ مۇنبەرگە چىقىپ كىشىلەرگە نەۋرىسى ھەسەننىڭ ئالى جاناپ، ئەسلى ئۇلۇغ، ئېسىل نەسەپلىك، زېمىن يۈزىدىكى ئەڭ ئېسىل ئائىلىگە نىسبەت بېرىلىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نەۋرىسى سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلاردىن ئۆز-ئارا ئۇرۇش قىلىشىۋاتقان ئىككى جامائەتنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى جامائەتنىڭ بىرلىشىدىغانلىقى ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر گەۋدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. بۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمانلاردىن بولغان كاتتا ئىككى جامائەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئارىدىكى تالاش-تارتىشنى تۈگىتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەنلىكى، رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىدا ھېچشەك يوق. بۇ ئىش ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خىلاپەتتىن چۈشۈپ بېرىش بىلەن ھاسىل بولغان. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىن بولغان بۇ ئىككى جامائەت بىرلىشىپ ئۇلارنىڭ ھاياتى ساقلىنىپ قالغان. بۇ يىل ھىجىريىنىڭ 40 ياكى 41-يىلى يەنى جامائەت بىرلەشكەن يىل دەپ ئاتالغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ