+ -

عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: كنتُ مع رسول الله صلى الله عليه وسلم في سوق من أسواق المدينة، فانصرف فانصرفتُ، فقال: «أين لُكَعُ -ثلاثا- ادعُ الحسن بن علي». فقام الحسن بن علي يمشي وفي عنقه السِّخَاب، فقال النبي صلى الله عليه وسلم بيده هكذا، فقال الحسن بيده هكذا، فالتزمه فقال: «اللهم إني أُحبه فأَحبَّه، وأَحبَّ من يحبه». وقال أبو هريرة: فما كان أحد أحب إليَّ من الحسن بن علي، بعد ما قال رسول الله صلى الله عليه وسلم ما قال.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن مەدىنىنىڭ بازارلىرىدىن بىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتقاندا بىرگە قايتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ قېتىم: «نەۋرەم قېنى؟، ھەسەن ئىبنى ئەلىنى چاقىرغىن» دېدى، ھەسەن ئىبنى ئەلى بوينىغا بويۇنچۇق ئاسقان ھالەتتە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غۇلىچىنى ئاچتى، ھەسەن ئىبنى ئەلىمۇ غۇلىچىنى ئاچتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرگىن» دېدى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا ھېچ كىشى ھەسەن ئىبنى ئەلىدەك ياخشى كۆرۈلىدىغان بولمىدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەدىنىنىڭ بازىرىدا بىللە ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بازاردىن قايتقاندا بىرگە قايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە كېلىپ ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سوراپ: «نەۋرەم قېنى؟ ئۇنى ماڭا چاقىرىپ بېرىڭلار» دېدى، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېڭىپ كەلدى، ئۇنىڭ بوينىغا بويۇنچۇق ئېسىقلىق ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قۇچاقلاش ئۈچۈن غۇلىچىنى يايدى، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ قولىنى سۇندى، ئىككەيلەن قۇچاقلاشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرگىن» دېدى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا ھېچ كىشى ھەسەن ئىبنى ئەلىدەك ياخشى كۆرۈلىدىغان بولمىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش