عن أبي رَمْثة رضي الله عنه أنَّه قال للنبي صلى الله عليه وسلم : أَرِني هذا الذي بظهرك، فإنِّي رجلٌ طبيبٌ، قال: «اللهُ الطبيبُ، بل أنت رجلٌ رَفِيقٌ، طبيبُها الذي خلقَها».
[صحيح] - [رواه أبو داود وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ رەمسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۇچىلىرىدىكى بۇ نەرسىنى ماڭا كۆرسەتسىلە، مەن تىۋىپ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ داۋالىغۇچىدۇر سەن كۆيۈنىدىغان ئادەمسەن، بۇنىڭ داۋالىغۇچىسى بۇنى ياراتقان زاتتۇر» دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەبۇ رەمسە دوختۇر بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تاغىقىنىڭ ئارىسىدا ئۆرلەپ تۇرغان پەيغەمبەرلىك مۆھرىنى كۆرۈپ ئۇنى ئارتۇق خېلىتلاردىن پەيدا بولغان ئۆسمە دەپ ئويلاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇنى ئۆزىنىڭ داۋالىشىنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزىگە: «ئاللاھ داۋالىغۇچىدۇر»، يەنى: «ئاللاھ كېسەلگە ھەقىقى شىپالىق ئاتا قىلغۇچى ۋە داۋالىغۇچىدۇر، سەن بولساڭ بىمارلارغا كۆيۈنىدىغان ئادەم»، يەنى: «مېھرىبانلىق قىلىدىغان ۋە كۆيۈنىدىغان ئادەم» دېدى، چۈنكى داۋالىغۇچى كېسەل بىلەن دورىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگۈچى، ساقلىق ۋە شىپالىق ئاتا قىلىشقا قادىر بولغۇچىدۇر، ئۇ بولسىمۇ پەقەت ئاللاھتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ