عن أبي مسعود البَدْري رضي الله عنه قال: كنت أضرب غُلاما لي بالسَّوْط، فسمعت صوتا من خَلفِي: «اعلم أبَا مسعود» فلم أفْهَم الصَّوت من الغَضَب، فلمَّا دَنَا مِنِّي إذا هو رسول الله صلى الله عليه وسلم فإذا هو يقول: «اعلم أبَا مسعود أن الله أقْدَرُ عليك مِنْك على هذا الغُلام». فقلت: لا أَضرب مملوكا بعده أبدًا. وفي رواية: فسقط السَّوط من يَدي من هَيْبَتِه. وفي رواية: فقلت: يا رسول الله، هو حُرٌّ لوجه الله تعالى، فقال: «أمَا لو لم تفعل، لَلَفَحَتْكَ النَّار، أو لَمَسَّتْكَ النَّار».
[صحيح] - [رواه مسلم بالروايات المذكورة]
المزيــد ...

ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن بىر خىزمەتكارىمنى قامچا بىلەن ئۇرۇۋاتقان ئىدىم، كەينى تەرىپىمدىن: «بىلىپ قوي ئەي ئەبۇ مەسئۇد ! » دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم، مەن ئاچچىقتىن ئۇنىڭ نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، گەپ قىلغۇچى يېقىنلاشقاندا قارىسام ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىكەن، ئۇ: «بىلگىن ئەي ئەبۇ مەسئۇد ! ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر» دەۋىتىپتۇ، مەن: «بۇندىن كېيىن ھەرگىز قۇل ئۇرمايمەن» دەۋەتتىم. يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيبىتىدىن قولۇمدىن قامچا چۈشۈپ كەتتى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ قۇلنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازات قىلىۋەتتىم» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر شۇنداق قىلمىغان بولساڭ، سېنى ئوت كۆيدۈرگەن بولاتتى ياكى تۇتاتتى» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىزمەتچىسىنى قامچا بىلەن ئۇرىۋاتقاندا كەينى تەرىپىدىن ئۇنى ئۇرۇشتىن چەكلىگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، بىراق سۆز قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئايرىيالمىدى، يېقىن كەلگەندە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بىلگىن ئەي ئەبۇ مەسئۇد ! ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر» دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ئەسلەتتى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاجىزلارنى بۆزەك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيبىتىدىن ئۇنىڭ قولىدىكى قامچىسى چۈشۈپ كەتتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇنىڭدىن كېيىن قۇل ئۇرماسلىق توغرسىدا ۋەدە بەردى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى ۋە چەكلىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇرغاننىڭ كاپارىتىگە ئۇ قۇلنى ئازاد قىلىۋەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر سەن ئۇنى ئازاد قىلىۋەتمىگەن بولساڭ ئۇنىڭغا قىلغان ناچار مۇئامىلەڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە ئوت ئازابىغا قالغان بولاتتىڭ» دېگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ