عَنْ عُمَرَ بْنِ الْخَطَّابِ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«إِنَّ اللهَ عَزَّ وَجَلَّ يَنْهَاكُمْ أَنْ تَحْلِفُوا بِآبَائِكُمْ»، قَالَ عُمَرُ: فَوَاللهِ مَا حَلَفْتُ بِهَا مُنْذُ سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نَهَى عَنْهَا ذَاكِرًا وَلَا آثِرًا.

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ»، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن باشلاپ باشقىلارغا ئەسلىتىپ ياكى نەقىل قىلىپ بولسۇن ئاتا-بوۋىلار بىلەن قەسەم قىلىپ باقمىدىم دەيدۇ.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا-ئانا بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى خەۋەر بېرىپ، كىمكى قەسەم قىلماقچى بولسا پەقەت ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن، ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىسۇن دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاتا-بوۋىلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلىگەن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن بىرى قەستەن بولسۇن ياكى باشقىلاردىن نەقىل قىلپ بولسۇن ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىغانلىقىنى زىكىر قىلدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش ھارام قىلىندى. ھەدىستە ئاتا-بوۋىلار بىلەن قەسەم قىلىشنى خاسلاشتۇرۇشتىكى مەقسە، چۈنكى ئۇ ئەرەپلەرنىڭ جاھىلىيەتتىكى ئادىتى ئېدى.
  2. قەسەم : مەلۇم بىر ئىشنى تەكىتلەش ئۈچۈن: ئاللاھ بىلەن ياكى ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم - ئالى سۈپەتلىرى بىلەن قىلىنىدۇ.
  3. ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇيرۇققا تىز بويسۇنىشى، مەسىلىنى دەرھال چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىدىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىقىنى بايان قىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ