عن خالد بن عُرْفُطَةَ رضي الله عنه قال: قال لي رسول الله صلى الله عليه وسلم : "يا خالد إنها ستكون بَعْدِي أَحْدَاثٌ وفِتَنٌ واختلاف، فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أن تكون عبد الله المقتول لا القاتل فَافْعَلْ".
[صحيح] - [رواه أحمد]
المزيــد ...

خالىد ئىبنى ئۇرفەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ، ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئى خالىد مەندىن كېيىن كۆپ ئۇرۇش، پىتنە ۋە تەپرىقىچىلىقلار بولىدۇ. ئەگەردە سەن ئۇ پىتنىلەردە ئاللاھنىڭ قاتىل بەندىسى ئەمەس، بەلكى ئۆلگۈچى بەندىسى بولالىساڭ، بولغىن، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خالىد ئىبنى ئەرفەتەگە تەپرىقىچىلىق، ئۇرۇش، پىتنىلەردىن ئىبارەت كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن. يەنە مۇسۇلمانلارنى باشلاپ ماڭىدىغان رەھبەرنىڭ بولماسلىقىدەك ياكى بولغاندىمۇ ھەر رايۇندا بىردىن ھاكىم بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا پىتنە-ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن. رەسۇلۇللاھ خالىدنى بۇ پىتنىلەردىن يىراق تۇرۇشقا، ئۆزىنى تارتىشقا ۋە ئۇنىڭغا قاتناشماسلىققا، ئولتۇرىۋېلىشقا بۇيرۇغان. مەزلۇم ھالدا ئۆلۈپ كېتىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈشتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ ئىش ئۆيىگە كىرىپ ئولتۇرۋېلىش بىلەن ۋە ياكى پىتنە بار شۇ يۇرۇتتىن چىقىپ كېتىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بىرەر تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا ئۆزىنى، مال-مۈلىكىنى ۋە ئائىلىسىنى قوغداپ چوڭ بىر پىتنە بولمىغان ئاساستا ئۆلتۈرسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە ئۇنىڭ ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزى بىر رەھبەر ئاستىدا ئىتىپاق بولسا، «مەيلى ئۇ رەھبەر ئادىل بولسۇن ياكى زالىم بولسۇن» شۇ ۋاقىتتا ئۇ رەھبەرگە بىرى قارشى چىقسا، ئۇنىڭ قوللۇغۇچىللىرى بولۇپ، بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى بۇزماقچى بولسا، ئۇنى توسۇش ۋاجىب بولىدۇ. ئەمىر بولغان كىشى ئۇلارغا خەت-چەك يوللاپ توغرا، ھەق يولنى كۆرسىتىشى ۋاجىب بولىدۇ. ھەق يولنى كۆرسەتكەندىن كېيىنمۇ مۇسۇلمانلار رەھبىرىگە بويسۇنمىسا ۋە ئۇلارنى قورقاتسا مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. مەيلى خاۋارىج بولسۇن مەيلى باغىلار بولسۇن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىگە قايتىپ مۇسۇلمانلار ئەمىرىگە بويسۇنمۇغۇچىلىك ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىش ۋاجىب بولىدۇ، ھەمدە خەلىق ئاممىسىمۇ بۇ ۋاقىتتا ئەمىر بىلەن بىر تۇرىشى لازىم

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ