عن بريدة رضي الله عنه : أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «من حَلَفَ بالأمَانة فليس مِنَّا».
[صحيح] - [رواه أبو داود وأحمد]
المزيــد ...

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىمكى ئامانەت بىلەن قەسەم قىلسا، بىزدىن ئەمەس»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئامانەت بىلەن قەسەم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، چۈنكى ئامانەت بىلەن قەسەم قىلىش، ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلغانلىق بولۇپ، ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش شېرىكتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە: «كىمكى ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى شېرىك كەلتۈرگەن بولدى» دېيىلگەن، بۇ يەردىكى شېرىكتىن كىچىك شېرىك مەقسەت قىلىنىدۇ، ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش ئىنساننى دىندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ، لېكىن قەسەم قىلغۇچى قەسەم قىلىنغۇچى نەرسىنى ئۇلۇغلاپ ۋە ئىبادەت قىلىشتا ئۇنى ئاللاھنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ دېگەندەك ئىتىقاد قىلسا، ئۇ چاغدا چوڭ شېرىك بولىدۇ، بۇ يەردە ئامانەتتىن: ئاللاھ تائالانىڭ ناماز، روزا، ھەج قاتارلىق بەندىلەرگە پەرىز قىلغان مۇھىم ئەمەللىرى مەقسەت قىلىنىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ئوقۇغان نامىزىمنىڭ ياكى تۇتقان روزامنىڭ ياكى قىلغان ھەججىمنىڭ ھەققى بىلەن دېسە، ياكى بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل بىر شەكىلدە: ئاللاھنىڭ ئامانەتلىرى بىلەن قەسەم دېگەن بولسا، بۇنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن پەقەت ئاللاھ بىلەن ياكى ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرەر سۈپەت بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئامانەت ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىغان بۇيرۇقلىرىدىن ۋە بەندىلەرگە قىلغان پەرىزلىرىدىن بىرىدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ