عن أنس بن مالك رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «لما صوَّرَ اللهُ آدمَ في الجنة تركه ما شاء الله أن يتركه، فجعل إبليسُ يُطيفُ به، ينظر ما هو، فلما رآه أجوفَ عَرف أنه خُلِقَ خَلْقًا لا يَتَمالَك».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىندى: ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى جەننەتتە شەكىلگە كىرگۈزگەندە، ئۇنى بىر مۇددەت شۇ پېتى قويۇپ قويدى. شۇ ۋاقىتتا شەيتان: «بۇ نېمىدۇ؟» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئىچىنىڭ كاۋاكلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىگە بولالمايدىغان خاراكتىردە يارىتىلغانلىقىنى بىلىپ يەتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى جەننەتتە يارىتىپ، ئۇنى شەكىلگە كىرگۈزگەندە، ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىمەستىن، بىر مۇددەت شۇ پېتى قويۇپ قويدى، شەيتان بۇ نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ، ئۇنىڭغا قاراشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئىچىنىڭ كاۋاكلىقىنى كۆرگەندە بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىدىن ۋەسۋەسىنى مۇداپىئە قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغان ئاجىز مەخلۇق ئىكەنلىكىنى، ياكى ئۇنىڭ ئىچكى تەرىپىدىن گۇناھ ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى؛ شۇڭا ئۇنىڭغا دەرەختىن يېيىش تەرىپىدىن كەلدى، ياكى ئۇنىڭ ئىچى كاۋاك مەخلۇقنىڭ ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بىلدى. بەزى كىشىلەر بۇ ھەدىستىكى «جەننەتتە» دېگەن سۆزنى ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى زېمىن يۈزىدىكى توپىدىن ياراتقانلىقىدەك كەلگەن مەزمۇنلار بىلەن باغلاپ چۈشىنەلمىدى. بۇنىڭغا ئادەم ئەلەيھىسسالام زېمىن يۈزىدە يارىتىلغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ، ئۇنىڭ شەكلى روھنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن تەييار بولغىچە شۇ پىتى قويۇپ قويۇلغان، ئاندىن جەننەتكە كەلتۈرۈلۈپ، شۇ يەردە روھ پۈۋدەلگەن دەپ جاۋاب بېرىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ