عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «الإيمانُ يمانٍ والحِكمةُ يمانِيَة، وأَجد نَفَسَ الرحمن من قِبَل اليمن، أَلَا إنَّ الكفرَ والفسوقَ وقسوةَ القلب في الفَدَّادين أصحاب المَعِز والوَبَر».
[صحيح] - [رواه أحمد والطبراني]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىيمان، ھىكمەت يەمەندىدۇر، راھمان تائالانىڭ نەفىسىنى يەمەن تەرەپتىن پۇرايمەن، ئاگاھ بولۇڭلاركى كۇپۇرلۇق، پاسىقلىق، قەلبى قاتتىقلىق ئۆچكە ۋە يۇڭ ئىگىلىرى بولغان يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىدىغانلاردا
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
رەسۇلۇللاھنىڭ «ئىيمان، ھىكمەت يەمەندىدۇر» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدە ئالىملار ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا بولغان، بەزىلەر: بۇ ئىيماننى مەككىگە مەككىگە مەنسۇپ قىلغانلىق، دېگەن، چۈنكى يەمەن مەككىدىن باشلىنىدۇ ۋە مەككە مەدىنىگە نىسبەتەن يەمەن تەرەپتە. يەنە بەزىلەر: بۇ ئىيماننى مەككە ۋە مەدىنىگە مەنسۇپ قىلغانلىق، چۈنكى مەككە، مەدىنە شامغا نىسبەتەن يەمەن تەرەپكە جايلاشقان، دېگەن. دەرۋەقە بۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەبۇك غازىتىدا بايان قىلغان. يەنە بەزىلەر: بۇ ھەدىستىن مەقسەت ئەنسارىلار دېگەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەسلى يەمەندىن، ئىماننى ئۇلارغا نىسبەت بېرىشى ئۇلار رەسۇلۇللاھقا كۆپ ياردەم بەرگەن، دېگەن. يەنە بەزىلەر مۇنداق دېگەن: ھەدىسنى ئەسلى مەنىسىدە چۈشىنىشكە ھېچبىر چەكلىمە يوق، ھەدىس يەمەن خەلقىنىڭ شەرىق تەرەپتىكى باشقا كىشىلەردىن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن شەرىقلىقلار ۋە باشقىلار قارشىلاشقاندەك قارشىلاشمايلا تىز ئىيمان ئېيىتقانلىقىدۇر. كىم بىر سۈپەتتە ئارتۇق بولسا، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، گەرچە باشقىلاردا شۇ سۈپەت تېپىلسىمۇ شۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىنىدۇ، بۇ باشقىلاردا ئىيمان يوق دىگەنلىك ئەمەس. بۇ ھەدىس يەمەن خەلقىنىڭ شۇ دەۋرىدىكى كىشىلەرگە قارىتىلغان، ھەر زاماندىكى ھەممە يەمەنلىككە ئەمەس، چۈنكى ھەدىس ئىبارىلىرىدىن شۇ مەنىلەر چىقىدۇ. ھىكمەتتىن ئاللاھنى تونۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىم كۆزدە تۇتۇلغان. «راھمان تائالانىڭ نەپەسىنى يەمەن تەرەپتىن پۇرايمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: مەن مەككە ئەھلىدىن ئېغىر قېيىنچىلىقتا قالغان كۈنلەردە ئەنسارىلار ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ماڭا ياردەم بەرگەن، يەنى رەسۇلۇللاھ يەمەنلىك بولغان ئەنسارىلار ئارقىلىق ئېغىرچىلىقتىن قۇتۇلغان، بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە كەلگەن ئەمەس. «ئاگاھ بولۇڭلاركى كۇپۇرلۇق، پاسىقلىق، قەلىبنىڭ قاتتىقلىقى ئۆچكە يۇڭ ئىگىلىرى بولغان، ئاۋازى يۇقىرى چىقىدىغان كىشىلەردە، كۇپۇرلۇق، پاسىقلىق، باغرى تاشلىق تۆگىلەرنى كۆپ باقىدىغان، ئىتىزلىرىدا ۋە پادىلىرىنى بېقىشتا يۇقىرى ئاۋاز چىقىرىدىغان، توڭ، قوپال، چوڭچى كىشىلەرنى دېمەكچى. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا «ئۆچكە» ئەمەس بەلكى ئات ۋە تۆگە ئىگىلىرىدا، تەمكىنلىك قوي باقىدىغان پادىىچىلاردا دەپ كەلگەن، بۇ ئىبارە قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇخارى ۋە مۇسلىمدا كەلگىنى ئەڭ توغرا