عَنْ أَنَسٍ رضي الله عنه قَالَ:
جَاءَ رَجُلٌ إِلَى النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَقَالَ: يَا رَسُولَ اللهِ، مَا تَرَكْتُ حَاجَّةً وَلَا دَاجَّةً إِلَّا قَدْ أَتَيْتُ، قَالَ: «أَلَيْسَ تَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَأَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللهِ؟» ثَلَاثَ مَرَّاتٍ. قَالَ: نَعَمْ، قَالَ: «فَإِنَّ ذَلِكَ يَأْتِي عَلَى ذَلِكَ».

[صحيح] - [رواه أبو يعلى والطبراني والضياء المقدسي]
المزيــد ...

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلدىم، ئاللاھ مېنى ئەپۇ قىلامۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرمىدىڭمۇ؟» دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە، دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاشۇ شاھادەت كەلىمىسى ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدۇ» دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ يەئلا"مۇسنەد ئەبۇ يەئلا" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن چوڭ-كېچىك بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلدىم، مېنىڭ گۇناھىم كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ««سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرمىدىڭمۇ؟» دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئۇ كىشى: ھەئە، گۇۋاھلىق بېرىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە شاھادەت كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئۇنىڭ خاتالىقلارغا كاپارەت بولىدىغانلىقى، تەۋبە قىلىش بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى گۇناھلار ئۆچۈرلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ كاتتىلىقى، بۇنى چېن دىلى بىلەن دېگەن كىشى ئۈچۈن بارلىق خاتالىقلىرىدىن ئۈستۈن كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
  2. ئىسلام، مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرىكى خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ.
  3. سەمىمىيەت بىلەن قىلىنغان تەۋبە ئىلگىرىكى خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ.
  4. تەكرار تەلىم بېرىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر.
  5. ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قىلىشتىن قۇرتۇلۇشقا سەۋەپ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ