عن أنس بن مالك رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«يَسِّرُوا وَلَا تُعَسِّرُوا، وَبَشِّرُوا وَلَا تُنَفِّرُوا».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 69]
المزيــد ...

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاسانلاشتۇرۇڭلار قېيىنلاشتۇرماڭلار، خۇشخەۋەر بېرىڭلار ئۈركىتىۋەتمەڭلار».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 69]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھ تائالا دۇرۇس قىلغان دائىرىدە، شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ھالەتتە ئاسانلاشتۇرۇش ۋە يەڭگىللەشتۈرۈشگە، شۇنداقلا قېيىنلاشتۇرماسلىققا بۇيرىدى.
ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن خوشخەۋەر بېرىشكە، ئۈركۈتىۋەتمەسلىككە رىغبەتلەندۈردى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇئ‍مىنگە زۆرۈر بولغىنى كىشىلەرنى ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتۇر
  2. ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلغۇچىلار كىشىلەرگە ئىسلامنى قانداق يەتكۈزۈشتە ھېكمەت نەزىرى بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك.
  3. دەۋەتچى كىشىلەرگە خوشخەۋەر بەرگەندە، ئۇ كىشىلەردە توغرا يولغا يۈزلىنىش، خۇرسەنلىك ۋە خاتىرجەملىكنى پەيدا قىلىدۇ.
  4. دىنى ئەھكاملاردا مۇشەققەت پەيدا قىلىش؛ چىكىنىش ۋە ئۈركۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، دەۋەتچىنىڭ سۆزلىرىدە شۈبھى پەيدا قىلىدۇ.
  5. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئېكەنلىكىدىن، ئۇلارغا ئۆزى رازى بولۇپ ئاسان بولغان شەرىئەت ۋە كەڭرى بولغان دىننى بېكىتىپ بەردى.
  6. ئاسانلىققا بۇيرۇش بولسا ئۇ شەرىئەت ئىلىپ كەلگەن پىرىنسىپتۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (63)
تېخىمۇ كۆپ