عَنْ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ اللهِ رضي الله عنهما أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«اتَّقُوا الظُّلْمَ، فَإِنَّ الظُّلْمَ ظُلُمَاتٌ يَوْمَ الْقِيَامَةِ، وَاتَّقُوا الشُّحَّ، فَإِنَّ الشُّحَّ أَهْلَكَ مَنْ كَانَ قَبْلَكُمْ، حَمَلَهُمْ عَلَى أَنْ سَفَكُوا دِمَاءَهُمْ وَاسْتَحَلُّوا مَحَارِمَهُمْ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت قاراڭغۇلىقىدۇر، بىخىللىقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى بىخىللىق سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان. شۇنداقلا بىخىللىق ئۇلارنى قانلىرىنى توكۈشكە، ئار-نومۇسىنى دەپسەندە قىلىشقا ئېلىپ باردى

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇممىتىنى زۇلۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، زۇلۇم: كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش، ئۆزىگە زۇلۇم قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ھەققىگە زۇلۇم قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. زۇلۇم دېگەن: ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىشنى رەت قىلىشتۇر، زۇلۇم دېگەن قىيانەت كۈنىدە زۇلۇم قىلغۇچىغا قاتتىقچىلىق ۋە دەھشەت ئېلىپ كېلىدىغان قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەتتۇر. مالغا بەك ھېرىسمەن بولۇپ بېخىللىق قىلىشتىن چەكلىدى، بۇنىڭدىن دۇنيادىكى مالىيە ھەق-ھوقۇقنى تولۇق ئادا قىلماي، دۇنياغا بەك بېرىلىپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ تۈردىكى زۇلۇملار بىزدىن ئىلگىىرىكى مىللەتلەرنى ھالاك قىلغان بولۇپ، ئۇلار زۇلۇم سەۋەپلىك بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى ھالال دەپ قارايدىغان دەرىجىگە يۈزلەنگەن.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مال سەرپ قىلىش ۋە قېرىنداشلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش بولسا ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان ۋە ، ېھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغان سەۋەپلەردىندۇر.
  2. بېخىللىق ۋە ئاچ كۆزلۈك گۇناھ-مەسىيەت ۋە پاھىشە ئىشلارغا ئېلىپ بارىدۇ.
  3. ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ ئىشلىرىدىن ئىبرەت ئېلىش.
تېخىمۇ كۆپ