عن جرير بن عبد الله رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«مَنْ لَا يَرْحَمِ النَّاسَ لَا يَرْحَمْهُ اللهُ عَزَّ وَجَلَّ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح مسلم: 2319]
المزيــد ...

جەرىر بىن ئابدۇللاھ بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 2319]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە؛ ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغان كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭمۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغانلىقىنى، بەندىنىڭ كىشىلەرگە رەھىم -شەپقەت قىلىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە نائىل بولۇشىنىڭ كاتتا سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بارلىق مەخلۇقاتلار ئۈچۈن رەھىم-شەپقەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ئىنسانلارنى خاس قىلىشى ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىندۇر.
  2. ئاللاھ تائالا رەھىم-شەپقەت قىلغۇچى بولۇپ، بەندىلىرىدىن رەھىمدىل كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ، مۇكاپات ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.
  3. كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىش دېگەن: ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، يامانلىقنى يوق قىلىش ۋە ئۇلارغا گۈزەل شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ