عن عبد الله بن عباس رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «نِعْمَتَانِ مَغْبُونٌ فيهما كثيرٌ من الناس: الصحةُ، والفراغُ».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۆپ كىشىلەر سالامەتلىك ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى نېمەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن ئىككى نېمەت بولۇپ كۆپ كىشىلەر بۇ نېمەتنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ، بۇنىڭدا قاتتىق زىيان تارتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تەننىڭ ساقلىقى ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنساننىڭ تائەت-ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈنمۇ سالامەتلىكى ياخشى ۋە يېتەرلىك ۋاقتى بولىشى كېرەك. بەزى كىشىلەرنىڭ ۋاقتى بولىدۇ لېكىن سالامەتلىكى ياخشى بولمايدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولسىمۇ ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقتى يەتمەيدۇ، ئەمما سالامەتلىكى ياخشى ھەم يېتەرلىك ۋاقتىمۇ بولۇپ ھورۇنلۇق قىلىپ تائەت-ئىبادەت قىلمىغان كىشى ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدا زور زىيان تارتقۇچىدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ