+ -

عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما قال:
سَمِعَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ رَجُلًا يَعِظُ أَخَاهُ فِي الْحَيَاءِ، فَقَالَ: «الْحَيَاءُ مِنَ الْإِيمَانِ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح مسلم: 36]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىغا ھايا توغرىسىدا نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە:«ھايا ئىماندىن دېدى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 36]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىغا ھايا توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ، بەك كۆپ ھايا قىلىپ كەتمىگىن دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ كىشىگە: ھايانىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى، ھايانىڭ پەقەت ياخشىلىق ئىلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
ھايا دېگەن؛ ئىنساننى گۈزەل ئىشلارنى قىلىشقا، قەبىھ ئىشلارنى تەرك قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان خىسلەتتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. سىزنى ياخشىلىقتىن چەكلەپ قويغان نەرسە ھايا بولمايدۇ، بەلكى بۇ خىجىللىق، ئاجىزلىق، قورۇنۇش ۋە قورقۇنچاقلىقتۇر.
  2. ئاللاھدىن ھەقىقى ھايا قىلىش دېگەن: بۇيرۇلغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن بولىدۇ.
  3. كىشىلەردىن ھايا قىلىش بولسا، ئۇلارنى ئېھتىرام قىلىش، ھەر كىشىنى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا قويۇش، ئۆرپ-ئادەتتە قەبىھ كۆرۈلىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشتۇر.
تېخىمۇ كۆپ