عن المُسْتَوْرِد بن شَدَّاد رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «ما الدنيا في الآخرة إلا مِثْل ما يجعل أحدكم أُصْبُعَهُ في اليَمِّ، فلينظر بِمَ يَرْجع!».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

مۇستەۋرىد ئىبنى شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن، پەقەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بارمىقىنى دىڭىزغا تىقىپ چىقارغىنىغا ئوخشاشتۇر، ئۇ قاراپ باقسۇن، بارمىقى نېمە بىلەن قايتىدۇ؟»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: سەن ئاخىرەتكە نىسبەتەن دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەكچى بولساڭ، بارمىقىڭنى دېڭىز سۈيىگە چىلاپ ئاندىن ئېلىپ باق، ئاندىن قاراپ باق نېمە بىلەن قايتىدۇ؟ دېڭىز سۈيىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسە بىلەن قايتمايدۇ، بۇ ئاخىرەتكە نىسبەتەن دۇنيا مۇددىتىنىڭ قىسقا ئىكەنلىكى، لەززىتىنىڭ تېز ئاخىرلىشىدىغانلىقى، ئاخىرەتنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى، لەززىتىنىڭ ۋە نېمەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلىدىغانلىقى، دۇنيانىڭ خۇددى بارماقنى سۇغا چىلاپ ئالغانچىلىك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا: «دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، (پايدىسى) ئاز نەرسىدۇر» [تەۋبە سۈرىسى 38_ئايەت]. دۇنيا نېمەتلىرى ۋە لەززەتلىرىدىن خالايىقلارغا بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، ئىنساننىڭ ئۇنىڭدىن قىسقا ۋاقىت جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىقلار بىلەن نېمەتلىنىشى، مەلۇم ۋاقىت زىننەتلىنىپ باشقىلارغا پەخىرلىنىش، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرنىڭ تېزلىكتە يوق بولىشى، ئۇنىڭغا ھەسرەت-نادامەتلەرنىڭ ئەگىشىپ كېلىشى: «سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟» مۇشۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى دائىملىق نېمەت، ئېسىل تۇرمۇش، ئالىي قەسىر ۋە خۇرسەنلىك ئۆزىنىڭ ئەسلى سۈپىتى، مىقدارى بويىچە باقىدۇر، ياخشىدۇر ۋە ئەبەدىي داۋام قىلغۇچىدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ