عن صُهيب بن سِنان الرومي رضي الله عنه مرفوعاً: «عجَبًا لِأَمر المُؤمِن إِنَّ أمرَه كُلَّه له خير، وليس ذلك لِأَحَد إِلَّا لِلمُؤمِن: إِنْ أَصَابَته سَرَّاء شكر فكان خيرا له، وإِنْ أَصَابته ضّرَّاء صَبَر فَكَان خيرا له».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

سۇھەيب ئىبنى سىنان رۇمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىننىڭ ئىشلىرىدىن ئەجەبلىنىمەن، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ياخشىلىقتۇر. بۇ ئىش مۆمىندىن باشقىغا مەنسۇپ بولمايدۇ. ئۇنىڭغا خۇرسەنلىك يەتسە ئاللاھغا شۈكرى ئېيتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر خاپىلىق يەتسە بۇنىڭغا سەبرى قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

مۆمىننىڭ ئىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشىلىق يولى بىلەن ئەجەپلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى مۆمىن ئۆزىنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرىدا ياخشىلىق، نىجاتلىق ۋە ئۇتۇقتىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى، بۇنىڭ پەقەت مۆمىن ئۈچۈنلا بولىدىغانلىقى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىنلەرگە ياخشىلىقنى تەقدىر قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئەگەر ئۇنىڭغا زىيان زەخمەت يەتسە، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا سەۋر قىلىپ ئۇنىڭدىن ئاسانچىلىق تىلىسە، ئاللاھتىن ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلسا، بۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا دىنى جەھەتتىن ئىلىم-مەرىپەت ۋە ياخشى ئەمەللەر نېمەت قىلىپ بېرىلسە، دۇنيالىق تەرەپتىن مال-دۇنيا، ئەھلى-ئەۋلاد بېرىلسە، ئاللاھغا شۈكۈر ئېيتىپ، تائەت-ئىبادەتنى ئۆلچەملىك ھالدا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ