عَنْ ‌عَائِشَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهَا قَالَتْ:
تَلَا رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ هَذِهِ الْآيَةَ: {هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ، وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ، وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ} [آل عمران: 7]. قَالَتْ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «فَإِذَا رَأَيْتِ الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ فَأُولَئِكَ الَّذِينَ سَمَّى اللهُ، فَاحْذَرُوهُمْ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: «هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ، وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ، وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ» تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 7-ئايەت]. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:« قۇرئاندىن مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگەشكەنلەرنى كۆرسەڭ ئەنە ئاشۇلار ئاللاھ تائالا دىلىدا ئەگىرلىك بار دەپ ئاتىغان كىشىلەردۇر، ئۇلاردىن ھەزەر قىلغىن».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: «هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ»بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى، خەۋەر بەردى، قۇرئان كەرىمدە ئىپادىلىگەن مەنالىرى ئېنىق، ھۆكۈملىرى بىلىنگەن، ھېچ قانداق ئارىلىشىش بولمىغان ئايەتلەر بار، ئۇ بولسىمۇ قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر ۋە مەنبىيىدۇر، ئىختىلاپ بولغاندا شۇ ئايەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ، قۇرئان كەرىمدە يەنە بىر قانچە مەناغا ئېھتىماللىقى بولغان ئايەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى بەزى كىشىلەرگە ئارىلىشىپ كېتىدۇ ياكى ئۇلار بۇ ئايەت بىلەن يەنە باشقا ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا زىتلىق باردەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئايەتلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى، دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر مەنىسى ئوچۇق بولغان ئايەتلەرنى قويۇپ مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى تۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ، ئەمما ئىلىمدا توشقانلار بۇ مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى بىلىدۇ، ئۇ ئايەتلەرنى مەنىسى ئوچۇق بولغان ئايەتلەرگە قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئايەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىت بولىشى ياكى قارمۇ-قارشى بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ، لېكىن بىز زىكىر قىلغان ھۆكۈملەردىن پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېدى: مۇتەشابىھ يەنى مەنىسى ئوچۇق بولمىغان ئايەتلەرگە ئەگەشكەنلەرنى كۆرسىڭىز بىلىڭكى ئۇلار ئاللاھ تائالا: «دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر» دەپ ئاتىغانلار ئۇلاردىن ھەزەر قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماڭلار.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مۇھكەملىرى: دالالىتى ئېنىق، مەنىسى ئاشكارا بولغانلىرىدۇر، مۇتەشابىھلىرى: بىر قانچە مەنىگە ئېھتىماللىقى بولغان، چۈشىنىش ۋە تەپەككۇرغا ئېھتىياجى بولغانلىرىدۇر.
  2. كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ۋە شەككە تاشلاش ئۈچۈن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويىدىغان ئازغۇنلار، بىدئەتچىلەرگە ئارىلىشىشتىن ھەزەر قىلىش.
  3. ئايەتنىڭ ئاخىرى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى بىلەن تامام بولدى: «(بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ» دىلىدە قىڭغىرلىق بار ئازغۇنلارنى سۆكۈش، ئىلىمدا تولغانلارنى ماختاش بىلەن يەنى: ئەقىل ئىگىلىرى بولمىغان، ھاۋايى ھەۋىسىگە ئەگىشىدىغان كىشىلەر ۋەز-نەسىھەت ئالمايدۇ دەپ ئاخىرلاشتۇردى.
  4. مۇتەشابىھ ئايەتلىرىگە ئەگىشىش بولسا دىلنىڭ قىڭغىرلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.
  5. مەنىسى چۈشىنىلمەيدىغان مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى مەنىسى ئېنىق بولغان مۇھكەم ئايەتلەرگە قايتۇرۇپ چۈشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ.
  6. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى سىناش ۋە ئىمان ئەھلىنى ئازغۇنلاردىن ئايرىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ بەزىسىنى مۇھكەم ۋە بەزىسىنى مۇتەشابىھ قىلدى.
  7. قۇرئان كەرىمدە مۇتەشابىھ ئايەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى: ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ باشقىلارغا بولغان پەزىلىتىنى ئاشكارا قىلىش، ئەقىلنىڭ چەكلىك ئىقتىدارىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئەقىلنىڭ ئىگىسى-ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھقا بويسۇنۇش ۋە ئىنسان ئەقلىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر.
  8. ئىلىمدە مۇكەممەل بولۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا مۇستەھكەم بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكى بايان قىلىنىدۇ.
  9. تەپسىرشۇناسلار ئايەتتىكى: «بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار»دېگەن ئايەتتىكى «ئاللاھ» دېگەن سۆزدە توختىلىپ ئىككى تۈرلۈك قاراش بايان قىلدى: ئايەتنىڭ ھەقىقى مەنىسى دېگەندىن بولغان مەقسەت: بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە كەيپىياتىنى بىلىش ۋە ئۇنى تىپىشقا يول بولمىغان نەرسىدۇر، يەنى روھ ۋە قىيامەتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش ئۇنى بىلىشنى ئاللاھ ئۆزى تاللىغان ئىلىمدۇر، ئىلىمدە تولغان ئالىملار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھغا تاپشۇرىدۇ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ تەسلىم بولىدۇ، ئەمما «ئاللاھ» دېگەن لەپزىدە توختىماي ئۇلاپ ئوقۇسا، ئۇ ۋاقىتتا ئايەتنىڭ ھەقىقى مەنىسى دېگەندىن بولغان مەقسەت ئۇنى ئىزاھلاش، مەنىسىنى ئېچىپ بېرىش ۋە ئوچۇقلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ ۋە ئىلىمدە تولغانلارمۇ بىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇ ئايەتنى مەنىسى ئېنىق بولغان ئايەتلەرگە قايتۇرىدۇ دېگەن بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ