عن سلمان الفارسي رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «ثلاثة لا يُكَلِّمُهم الله، ولا يزكيهم، ولهم عذاب أليم: أُشَيْمِط زَانٍ، وعائل مُسْتَكْبِر، ورجل جعل الله بضاعته: لا يشتري إلا بيمينه، ولا يبيع إلا بيمينه».
[صحيح] - [رواه الطبراني]
المزيــد ...

سەلمان ئەلفارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاخىرەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ، قېرى زىناخور، مۇتەكەببىر كەمبەغەل، قەسەمخور تىجارەتچى، يەنى ساتسىمۇ ئالسىمۇ قەسەم بىلەنلا تىجارەت قىلىدىغان كىشى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە رىسۇلۇللاھ ئۈچ تۈرلۈك ئېغىر جازاغا ئۈچرايدىغان كىشىلەرنى بايان قىلغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ جنايىتى ناھايىتى ئېغىردۇر. ئۇلارنىڭ بىرى: يېشىنىڭ چوڭلىقىغا قارىماي زىنا قىلىدىغان كىشى، گەرچە زىنا ھەر بىر مۇسۇلماندىن ئېغىر ئېلىنىدىغان گۇناھ بولسىمۇ، قېرى كىشىدىن بولسا ناھايىتى قەبىھ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ياشلارغا قارىغاندا قېرى كىشىدە شەھۋەت ئاجىز بولىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق زىنا قىلغىنى بۇ كىشىنىڭ ئۇ گۇناھنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولغان. ئىككىنچىسى: باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىدىغان مۇتەكەببىر كەمبەغەل كىشى، چوڭچۇلۇق پەقەت ئاللاھ تائالاغا خاس بىر خىسلەت، ئىنسالارنىڭ ھېچ بىرىگە ياراشمايدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ مەلۇم بىر كىشى قول-ئىلكىدىكى ئىقتىسادىغا ئىشىنىپ چوڭچۇلۇق قىلىدۇ. ئەمما كەمبەغەل نېمىگە ئاساسەن چوڭچۇلۇق قىلىدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبسىز بۇنداق قىلىشى تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن بىر كىبىر بولغانلىقتىن، شۇ سەۋەبتىن كەمبەغەلنىڭ چوڭچۇلۇق قىلىشى ئېغىر گۇناھ. ئۈچىنجى تۈرلۈك كىشى سودا-سېتىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىشنى ئادەت قىلىۋالغان، ئاللاھ تائالانىڭ نامىنى قىممەتسىز تاۋارلىرىغا ئىشلىتىپ سېتىشقا ئۇرىنىدىغان كىشى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش