عن إبراهيم بن عبد الرحمن بن عوف، أن عبد الرحمن بن عوف رضي الله عنه أُتي بطعام وكان صائمًا، فقال: قُتِل مُصعب بن عمير رضي الله عنه وهو خيرٌ مني، فلم يوجد له ما يُكفَّن فيه إلا بُردة إن غُطِّيَ بها رأسه بَدَت رِجْلاه؛ وإن غُطِّيَ بها رجلاه بدا رأسه، ثم بُسِط لنا مِنَ الدنيا ما بُسِط، أو قال: أُعْطِينا من الدنيا ما أُعطِينا، قد خَشِينَا أن تكون حَسَنَاتُنا عُجِّلَت لنا، ثم جعل يبكي حتى ترك الطعام.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئوغلى ئىبراھىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن رىۋايەتتە، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفكە تاماق كەلتۈرۈلدى، ئۇ روزىدار ئىدى، ئۇ: مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلدى، ئۇ مەندىن ياخشى ئىدى، بىز ئۇنى كېپەنلەشكە بىر توندىن باشقا نەرسە تاپالمىدۇق، ئۇنىڭ بېشىنى ياپساق پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتىنى ياپساق بېشى ئېچىلىپ قالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزگە دۇنيالىقتا باياشاتچىلىق بولدى ياكى دۇنيادىن بىزگە بېرىلگەن نەرسىلەر بېرىلدى، ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ بىزگە ئىلگىرى بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ قالدۇق، دەپ يىغلاپ، ھەتتا ئۇ تاماقنىمۇ يېمەي قويۇپ قويدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەلۇم بىر كۈنى روزىدار ئىدى، ئىپتار ۋاقتى بولغاندا ئۇنىڭغا بىر تاماق كەلتۈرۈلدى، ئادەتتە روزىدار تاماققا ئىنتىلەتتى، لېكىن ئۇ ئىلگىرىكى ساھابىلەرنى ئەسكە ئالدى، ئۇمۇ مۇھاجىر ساھابىلەردىن ئىدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ: ھەقىقەتەن مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەندىن ياخشى ئىدى، بۇ پەقەت كەمتەرلىك ياكى نامراتلىق ۋە سەبىرچانلىقنى تاللاش يۈزىسىدىن شۇنداق، لېكىن ئالىملار جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ساھابىلەرنىڭ باشقا ساھابىلەردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئوچۇق دېگەن. مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامغا كىرىشتىن ئىلگىرى مەككىدە ئاتا- ئانىسىنىڭ يېنىدا ئىدى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بايلاردىن بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئۇنىڭغا ياشلارنىڭ كىيىملىرىدىن ئەڭ ياخشىسىنى كەيدۈرەتتى، ئۇ ئىككىسى ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلايتتى، ئۇ ئىسلامغا كىرگەندە ئۇلار ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى ۋە ئۇنى يىراقلاشتۇردى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلىپ، مۇھاجىرلاردىن بولدى، ئۇ مەككىدە ئاتا-ئانىسنىڭ يېنىدا ئەڭ ياخشى كىيىملەرنى كىيەتتى، ئەمما ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىن ياماق سېلىنغان بىر قۇر كىيىمى بار ئىدى، لېكىن ئۇ باياشات تۇرمۇشنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرەپكە ھىجرەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوھۇد كۈنى ئۇنىڭغا بايراقنى بەردى، ئۇ شۇ كۈنى شېھىت بولدى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۇچىسىدا بىر قۇر كىيىم بار ئىدى، ئۇلار ئۇ كىيىم بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى ياپسا پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتىنى ياپسا بېشى ئېچىلىپ قالاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىيىمدە ئۇنىڭ بېشىنى يېپىشقا ۋە پۇتىنى قومۇشلار بىلەن يېپىپ قويۇشقا بۇيرىدى. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف بۇ ئەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەيتتى، ئاندىن: ئۇلار ئىلگىرلەپ كەتتى ۋە ئاللاھ دۇنيادىن ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئېچىپ بەرگەن نۇرغۇن غەنىمەتلەردىن سالامەت قېلىشتى دېدى، ئاللاھ ئېيتقاندەك: (ئۇلار ئۇنى ئالىدىغان نۇرغۇنلىغان غەنىيمەتلەر بار) [سۈرە فەتھ :19-ئايەت]. ئاندىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ "بىز ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ بىزگە ئىلگىرى بولۇپ كەتكەن بولىشىدىن قورقۇپ قالدۇق" دېدى. يەنى، بىز ئۇلار ھەققىدە (بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە ئۇنىڭ خالىغىنى ئەمەس، بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندى ئۇنى ئاخىرەتتە جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ) دېيىلگەن كىشلەر توپىغا كىرىپ كىرىپ قىلشىمىزدىن قورقتۇق. ياكى ئاللاھ تائالانىڭ: (سىلەر نېمەتلىرىڭلارنى دۇنيا ھاياتىدىلا ئېلىپ بولدۇڭلار ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىپ بولدۇڭلار) [سۈرە ئەھقاف: 20- ئايەت] دېگەن سۆزىدىكىدەك بولۇپ قېلىشتىن قورقتۇق. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگىنىدەك، بۇ قورقۇش ئۇلارغا غەلبە قىلىپ كەتكەچكە، ئۇ ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنىڭ بۇ دۇنيادا ئۇلارغا ئىلگىرى بولۇپ كەتكەن بولىشىدىن قورقتى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سالىھ كىشلەرگە قېتىلالماي قېلىشىدىن قورقۇپ يىغلاپ كەتتى، تاماقنىمۇ يېمەي قويۇپ قويدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ