عن أسامة بن زيد رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«مَا تَرَكْتُ بَعْدِي فِتْنَةً أَضَرَّ عَلَى الرِّجَالِ مِنَ النِّسَاءِ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئۇسامە بىن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مەندىن كېيىن ئاياللاردىنمۇ بەكرەك ئەرلەرگە پىتنە بولىدىغان بىر نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمىدىم» .

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئەرلەرنى سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىشتا ئاياللاردىنمۇ زىيانلىقراق بىر نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئەگەر ئايال ئائىلىسىدىن بولسا، ئۇ كىشى ئايالىنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شەرىئەتتە چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىپ قالىدۇ، ئەگەر يەت ئايال بولسا، يات ئايال بىلەن ئارىلىشىش ۋە يالغۇز قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن كېيىن چوڭ بۇزۇقچىلىق كىلىپ چېقىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇسۇلمان كىشى ئاياللارنىڭ سىناقلىرى ۋە پىتنىسىدىن ھەزەر قىلىشى، ئۇنىڭغا چۈشۈپ قالىدىغان ھەر قانداق يوللارنى توساش زۆرۈر بولىدۇ.
  2. مۇئ‍مىن پىتنىدىن سالامەت قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابىغا چىڭ ئېسىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ