عن أبي هريرة رضي الله عنه أن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «كُتب على ابن آدم نَصِيبُه من الزِنا مُدْرِكُ ذلك لا مَحَالة: العينان زِناهما النَظر، والأُذنان زِناهما الاستماع، واللسان زِناه الكلام، واليَدُ زِناها البَطْش، والرِّجل زِناها الخُطَا، والقلب يَهْوَى ويتمنى، ويُصَدِّق ذلك الفَرْج أو يُكذِّبُه».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئادەم بالىسىغا ئۇنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى يېزىلغان بولسا، ئۇنى قىلماسلىققا چارىسى بولمايدۇ، ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى ئاڭلاشتۇر، تىلنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى قىلىشتۇر، قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر، پۇتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر، كۆڭۈل زىنانى خالايدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ، جىنسى ئەزا بۇ خاھىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ساقلاپ قالغان كىشىدىن باشقىلار زىنادىن نېسىۋىسى يېزىلغان بولسا ئۇنى قىلماسلىققا چارىسى بولمايدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مىسالىنى دەپ بەردى: كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، ئەر كىشى ئەگەر ئۆزىنىڭ مەھرىمى بولمىغان يات ئايالغا گەرچە شەھۋەتسىز قارىسىمۇ، بۇمۇ زىنانىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ كۆزنىڭ زىناسىدۇر، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاشتۇر، يەنى ئايالنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئاۋازىدىن لەززەتلىنىدۇ، بۇ قۇلاقنىڭ زىناسى ھېسابلىنىدۇ، «قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر»، يەنى قولى بىلەن سىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشتۇر، «پۇتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر» ، يەنى ئىنساننىڭ زىنا-پاھىشە ئورۇنلىرىغا بېرىشى، ياكى ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، شۇ تەرەپكە مېڭىش، ياكى ئايال كىشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشىمۇ زىنانىڭ تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ. «كۆڭۈلنىڭ زىناسى خالاش ۋە ئارزۇ قىلىش» بولۇپ، مۇشۇ ئىشقا مايىل بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاياللارغا ئىنتىلىشتۇر، بۇ كۆڭۈلنىڭ زىناسى ھېسابلىنىدۇ، «جىنسى ئەزا بۇ خاھىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ» ، يەنى ئاللاھ ساقلىسۇن! جىنسى ئەزا بىلەن زىنا قىلغان بولسا، مۇشۇ ئەزالارنىڭ زىناسى تەستىقلىنىدۇ، ئەگەر بۇ ئەزا بىلەن زىنا قىلىنمىغان بولسا، زىنادىن سالامەت قالىدۇ، ئۆز نەپسىنى ساقلاپ قالىدۇ، مۇشۇ بۇ ئەزانىڭ قىلغان زىناسىنى ئىنكار قىلىش بولىدۇ، بۇ ھەدىس ئاياللارغا ئىنتىلىشتىن ھەزەر قىلىشنى بىلدۈرىدۇ، ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا، كۆرۈشكە، سىلاشقا، ئۇلار تەرەپكە مېڭىشقا ۋە كۆڭۈلنىڭ خالىشى قاتارلىق ئىشلاردىن ھەزەر قىلىشقا بۇيرىدۇ، ئاشۇنىڭ ھەممىسى زىنانىڭ تۈرلىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىغان، ئەقىللىق ئىنسان ئەزالىرىنىڭ ئاياللارغا ئىنتىلىشىدىن ھەزەر قىلىشى كېرەك

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ