ھەدىسلەر تىزىملىكى

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەندىن ياردەمچى قوشۇن كەلگەندە، ئۇلاردىن: ئاراڭلاردا ئۇۋەيىس ئىبنى ئامىر بارمۇ؟ دەپ سورايتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ. كىمكى غازات قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ۋە ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن قالسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپلە ئىبادەتلەر ئىچىدە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىنمۇ بەكراق چىڭ تۇتقان ئىبادەت يوق ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى بىر كېسەلنى يوقلىسا ياكى ئاللاھ يولىدا دوستلاشقان بىر قېرىندىشىنى يوقلىسا، بىر نىدا قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ياخشى ئىش قىلدىڭ، باسقان قەدەملىرىڭ مۇبارەك بولدى، ئۆزۈڭگە جەننەتتىن بىر ئورۇن تەييارلىدىڭ دەپ نىدا قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى، ئۇ يەردە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
نېمە بولاپ ھەيزدارلار روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟ ئائىشە: خاۋارىجمۇ سىز؟ دېدى، مەن: خاۋارىج ئەمەسمەن، بىراق سوراپ بىلىۋالماقچىمەن، دېدىم، ئائىشە: بىز رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيزىدار بولساق، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇلغان، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
يا رەسۇلۇللاھ! مەن كۈن ئولتۇرۇپ كەتكىچە ئەسىرنى ئوقۇيالمىدىم، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ ئوقۇيالمىدىم دېدى، ئاندىن بەتھان دېگەن جايغا چۈشۈپ تاھارەت ئالدى، بىزمۇ تاھارەت ئالدۇق، رەسۇلۇللاھ كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر ئوقۇدى، ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدىن شامنى ئوقۇدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىككى كىشى قاراڭغۇ كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدىن قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا چىراققا ئوخشاش ئىككى نۇر پەيدا بولدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئەبا زەر سەن بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزسەن، بۇ دېگەن ئامانەتتۇر ۋە ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئېلىپ، ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلمىسا، قىيامەت كۈنى ئىنساننى خار قىلىدىغان ۋە پۇشايمانغا قويىدىغان بىر ئىشتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر كىشىلەر زالىمنى كۆرۈپ ئۇنى چەكلىمىسە ئاللاھ ئۆز ئازابىنى ئۇلارغا تىزلا ئوموملاشتۇرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر نەرسىگە «مەن ئۇنى مۇنداق دەپ ئويلايمەن»دېگىنىنى ئاڭلىساملا ئۇ ئىش ئۇ ئويلىغاندەك بولۇپ چىقاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ ئىككى ساقىلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىسا ئۇ كىشى جەننەتكە كىرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ھەيزدار ھالىتىمدە قۇچىقىمغا يۆلىنىپ قۇرئان ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ مەندىن بۇرۇنقى ئۈممەتكە ئەۋەتكەن ھەر قانداق پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن سۈننىتىنى تۇتۇپ، بۇيرىقىغا ئەگىشىدىغان ھەمراھلىرى ۋە ياردەمچىلىرى بولدى، ھەقىقەتەن ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغاننى سۆزلەيدىغان، بۇيرۇلمىغاننى قېلىدىغان كىشىلەر پەيدا بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
قېشىمىزدا بار خام ئالتۇننى ئەسلەپ مېنى نامازدىن مەشغۇل قىلىشىنى خالىمىدىم، شۇڭا تەقسىم قىلىپ بىرىۋېتىشكە بۇيرۇدۇم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئابدۇرراھمان ئبنى ئەبى بەكرى ئەسسىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ چاغدا مەن ئۇنى مەيدەمگە يۆلەپ ئولتۇرغۇزغان ئىدىم. ئابدۇرراھماندا بىر ھۆل مىسۋاك بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
شۈبھىسىزكى، ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى، بىر كىشىنىڭ دادىسى ياخشى كۆركەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى رەسۇلۇللاھ! كىشىلەر ئىھرامدىن چىقىپتۇ، سىلى چىقماپلا، بۇ نېمە ئىش؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چىچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە قىلدىم، ئۇنداق بولغانىكەن مەن قۇربانلىقنى بوغۇزلىمىغىچە ئېھرامدىن چىقمايمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
ماڭا بۇرۇن ھېچبىر پەيغەمبەرگە بىرىلمىگەن بەش تۈرلۈك ئالاھىدىلىك ئاتا قىلىندى. بىر ئايلىق مۇساپىدىكى دۈشمەنلىرىمنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سېلىش بىلەن نۇسرەت بېرىلدى، زېمىننىڭ ھەممە يېرى ماڭا سەجدىگاھ ۋە پاك قىلىپ بېرىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمىكى مۇنداق دېسە «يەنى ئۆيدىن چىققاندا»: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا چىقىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ كۈچ-قۇدرەت يوقتۇر. دېسە، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا: توغرا يولغا يېتەكلەندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ «يەنى ھاجەتلىرىڭ راۋا بولدى» دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاندىڭ دەپ نىدا قىلىنىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان تاماقنى شەيتان يەپ قويىدۇ. شەيتان بۇ قىزنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم، بۇ ئەرابى(سەھرالىق)نى ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭمۇ قولىنى تۇتۇۋالدىم. ئاللاھقا قەسەمكى، شەيتاننىڭ قولى، ئۇ ئىككەيلەننىڭ قولى بىلەن مېنىڭ قولۇمدا
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىشىننى كۈن قەرىلگەندە، ئەسىرنى بولسا كۈن تېخى نۇرلۇق چاغدا، شامنى كۈن پاتقاندا ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن ھاممام مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، مەنمۇ قوپۇپ سول تەرىپىدە تۇرغۇنۇمدا، مېنىڭ بېشىمدىن تۇتۇپ ئوڭ تەرىپىگە يۆتكەپ قويدى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر بالا كەلتۈرۈلدى، ئۇ بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ كەينىدىنلا سۇ ئەكەلدۈرۈپ سۈدۈك تەككەن يەرنى تازىلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قىزىل چىدىردا تۇرغاندا كەلدىم، ئۇ دەيدۇ: بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئېشىپ قالغان تاھارەت سۇيىنى ئېلىپ چىقتى، بەزىلەر ئۇ سۇنى ئۆزىگە تۆكىۋالسا، سۇ يەتمىگەنلەر ئۇلارغا قولىنى سۇرىۋالاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇيسىلەر، ئۇنداق قىلمىساڭلار ئاللاھ تائالا سىلەرگە پات يېقىندا ئازاب ئەۋەتىدۇ، ئاندىن دۇئا قىلساڭلارمۇ دۇئايىڭلار ئىجابەت بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتى ئارىلىقىدا ئولتۇرۇپ جىماغا تۇتۇش قىلسا، غۇسلى ۋاجىپ بولغان بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
تاھارەتتە يۇيۇلمىغان پۇتلار دوزاخ ئازابىدا ھالاك بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرىۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر تۇرۇپ: «ناماز ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال ۋە بالىلار ئۇخلاپ كەتتى» دېدى. رەسۇلۇللاھ بېشىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولمايدىغان بولسا خۇپتەن نامىزىنى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بەزىسى ئۆزلىرىنى يۆگىگەن ھالدا جامائەتكە قاتنىشاتتى، ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى، ئەمما قاراڭغۇدا ئۇلارنى ھېچكىم تونىيالمايتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ياكى ئەرلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر ياخشىلاردىن بولسا: مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقان چاغدا: ئاۋۇ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەرگىن، ئاندىن ساڭا قايتۇرغان سالىمىغا قۇلاق سالغىن، بۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ سالىمىدۇر، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاخىرقى زامان يېقىنلاشقاندا مۆمىننىڭ چۈشى ئاسان يالغان چىقمايدۇ، مۆمىننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 پارچىسىدىن بىر پارچىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئائىشە! تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىبىڭدىن، سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن ۋە سەندىن ئۆزۈڭ بىلەن پاناھلىنىمەن، سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
سەدىقىلەرنىڭ ئەۋزىلى ئاللاھنىڭ يولىدا تىككەن چېدىرنىڭ سايىسى، ئاللاھنىڭ يولىدا خىزمەتچى بېرىش ياكى ئاللاھ يولىدا قورامىغا يەتكەن بىر تۆگە بېرىش
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن سىلەرگە مىسۋاك ئىشىلتىشنى كۆپ تەۋسىيە قىلىمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: ئاجىز، باشقىلارنىڭ نەزىرى ئانچە چۈشمەيدىغان كىشىلەردۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا قەسەم قىلسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلاپ بېرىدۇ. مەن سىلەرگە دوزاخ ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: قوپال، ئېچى تار، تەكەببۇر كىشىلەردۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىراقى ۋە رەببىڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقىنى دەپ بىرەيمۇ؟
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ھارىسەنىڭ ئانىسى! جەننەتلەرنىڭ دەرىجىلىرىمۇ ھەر خىل، ھەقىقەتەن سېنىڭ بالاڭ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى بولغان پىردەۋىس جەننەتتە دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغاندا بارلىق ئەزالىرى تىلغا يېلىنىپ دەيدۇ: ئى تىل! بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن جازالىنىمىز، ئەگەر سەن دۇرۇس بولساڭ، بىزمۇ دۇرۇس بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگرى بولساڭ بىزمۇ ئەگرى بولىمىز
عربي الإنجليزية الأوردية
ياخشى چۈش «يەنە بىر ئىبارىدە گۈزەل چۈش دەپ كەلگەن» ئاللاھ تائالا تەرەپتىن، يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ شېھىتنىڭ قەرزىدىن باشقا ھەممە گۇناھىنى كەچۈرىۋېتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
بۇزۇقچىلىق كۆپ بولغاندا قىلىنغان ئىبادەت مەن تەرەپكە ھىجرەت قىلغانغا ئوخشاش
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: بىزگە قۇرئان-ھەدىسنى ئۈگىتىپ قويىدىغان كىشىلەردىن بىر تۈركۈمنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسەڭ دەپ تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قارىلار دەپ ئاتالغان ئەنسارىلاردىن يەتمىش كىشىنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ئېچىدە ھارام ئىسىملىك تاغاممۇ بار ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۈستۈن قول تۆۋەنكى قولدىن ياخشى، ئۈستۈن قول دېگىنىمىز بەرگۈچى قول، تۆۋەنكى قول دېگىنىمىز تىلىگۈچى قولدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ئۇنى تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز سىزگە تېخىمۇ كاتتا ئەجىر بولاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
تىلىڭنى يىغ، ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىل، خاتالىقلىرىڭغا يىغلىغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر قۇل خوجايىنىغا سەمىمى بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلسا، ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇنىڭغا بېرىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار مەسىلىنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغانلار
عربي الإنجليزية الأوردية
تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ۋىتىر ئوقۇشقا ئالدىراڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ئاللاھ بىرەر ئۈممەتكە رەھمەت قىلماقچى بولسا، ئۈممەتنى كۈتۈپ تۇرغۇچى سۈپىتىدە ئۇلاردىن ئىلگىرى پەيغەمبىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە كىشىلەر ئۇنى كۈتۈۋېلىشتى، مەنمۇ ئۇنى كېچىك بالىلار بىلەن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەردە كۈتۈۋالدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
دۇنيادا بىزگە بېرىلگەن نەرسىلەر بېرىلدى، بىزگە ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ ئېلگىرى بولۇپ قېلىشىدىن قورقىمىز
عربي الإنجليزية الأوردية
«ئى ھەكىم! جەزمەن مال-دۇنيا چىرايلىق ۋە شېرىندۇر، كىمكى ئۆز نەپسىنىڭ قانائىتى بىلەن ئالسا، ئۇ بەرىكەت قىلىدۇ، كىمكى تاما بىلەن ئالسا يەپ تۇرۇپمۇ تويمىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ ئۇ بەرىكەت قىلمايدۇ، ئۈستۈن قول(بەرگەن قول) تۆۋەن قولدىن(ئالغان قولدىن) ياخشىدۇر»دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن غازاتقا چىقتۇق، ئارىمىزدا ھەر ئالتەيلەنگە بىر تۆگە بار بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ مىنەتتۇق، پۇتلىرىمىز قاپىرىپ كەتتى، مېنىڭمۇ پۇتلىرىم قاپىرىپ كەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىمدىن بىر كىشى ھېسابقا تارتىلغاندا ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى، پەقەت ئۇ كىشىلەر بىلەن ئېلىم بىرىم قىلغاندا كەڭ قورساق بولاتتى، خىزمەتچىلىرىنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن قەرزنى كۆتۈرۋېتىشكە بۇيرۇيدىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا: بىز ئۇنىڭدىن ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق، ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۋېتىڭلار، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلەر، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ياكى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن
عربي الإنجليزية الأوردية
بەزى بىر چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى-باشلىرى توپا-تەرەت، نام-ئابرۇيى يوق كىشى بار، ئەگەر ئۇ ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىپ بىر سۆز قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
"مۇپەررىدۇن" لار ئىلگىرىلەپ كەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھنىڭ يولىدا غازات قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بوتىلىقى ئۈچۈن سۈت يېغىشقا قويۇپ بەرگەن ۋاقىتچىلىك مۇددەت ئىچىدە جىھاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كېچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ناماز ئوقۇغۇنۇمدا، ئۇ سۈرە بەقەرەنى باشلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ياخشىلىق قىلمايمەن دەپ ئاللاھقا قەسەم قىلغان كىشى قېنى؟
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
دوزاخنىڭ ئوتى تەگمەيدىغان ئىككى كۆز بار، بىرى ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كۆز، يەنە بىرى ئاللاھنىڭ يولىدا قاراۋۇللۇق قىلغان كۆز
عربي الإنجليزية الأوردية
بىرەرسىڭلار كېچىدە تۇرغاندا، قۇرئان تىلىغا كەلمەي، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىسە، يېتىپ ئارام ئالسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەر بىر ئۈممەتنىڭ پىتنىسى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيا
عربي الإنجليزية الأوردية
جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولسا ئىشىك تاقىلىپ باشقا بىرسىگە ئېچىلمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
بەرىرە ۋە ئۇنىڭ ئېرى ھەققىدىكى ھەدىس
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈتتىن بولغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى كېلىپ ئۇخلاپ قالغاننى ئويغاتمىغۇدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك سالام قىلاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەلەيكەسسالام دېمە، چۈنكى ئەلەيكەسسالام ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام
عربي الإنجليزية الأوردية
بالا ئاتىسىنىڭ ھەققىنى بېجىرىپ، ياخشىلىقىنى قايتۇرۇپ بولالمايدۇ، پەقەت دادا قۇل بولۇپ، بالا قۇل دادىسىنى سېتىۋېلىپ، ئازاد قىلىۋەتكەندە ئاندىن ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشى سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ئايلاردا ھەتتا بىز ئۇ بۇ ئايدا روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ، ئويلاپ قالغۇدەك ھالدا روزىسىز يۈرەتتى، بەزى ئايلاردا شۇنداق روزا تۇتاتتىكى ھەتتا بىز ئۇنى بۇ ئاينى بىرەر كۈنمۇ روزا تۇتماي ئۆتكۈزمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ، ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە، ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ، ئۇخلاۋاتقان ھالەتتەكۆرەتتىڭ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەلۋەتتە سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ تاققا چىقىپ، بىر باغلام ئوتۇننى مۈرىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىشى، شۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى ساقلاپ قېلىشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەردىن تىلىگىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا يا بېرىدۇ، يا بەرمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر مېنىڭ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا مەن ئۇنىڭدىن قەرىز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىمدىن باشقا بىرەر نەرسىنىڭ يېنىمدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمىغان بولاتتىم
عربي الإنجليزية الأوردية
جەننەتكە كىرىدىغان شەھىدتىن باشقا بىرەر كىشى زېمىندىكى بارلىق نەرسە ئۇنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، دۇنياغا قايتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شەھىد ئۆزى كۆرىۋاتقان ھۆرمەت ئۈچۈن دۇنياغا قايتىپ، يەنە ئون قېتىم ئۆلتۈرۈلۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھنىڭ يولىدا بەندىنىڭ ئىككى پۇتى توپىغا مىلەنسە، ئۇنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن، پەقەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بارمىقىنى دىڭىزغا تىقىپ چىقارغىنىغا ئوخشاشتۇر، ئۇ قاراپ باقسۇن، بارمىقى نېمە بىلەن قايتىدۇ؟
عربي الإنجليزية الأوردية
بۇ ئاجىز كىشى ماۋۇنىڭغا ئوخشاش كىشلەردىن زېمىن توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەر قاچان بىر نەرسە سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ ياق دەپ باققان ئەمەس
عربي الإنجليزية الأوردية
قانداق بىر قەۋم بىرەر سورۇندىن ئاللاھنى ئەسلىمەي تۇرۇپ كەتسە، خۇددى ئېشەكنىڭ تاپى ئۈستىدىن تۇرۇپ كەتكەندەك بولىدۇ، ئۇ سورۇن ئۇلار ئۈچۈن ھەسرەت بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەر قانداق كىشى بىر كۆچەت تىكىپ قويسا، ئۇنىڭ مېۋىسى يېيىلسە ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر سەدىقە، ئۇنىڭ مېۋىسى ئوغىرلىنىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ۋە بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
شەھىد ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا پەقەت چۆمۈلە چاققانچىلىكلا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
«مېنىڭ مۇشۇ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا، ئۈچ كۈن ئىچىدە مەندە ئۇ ئالتۇندىن بىر دىنار ئېشىپ قېلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ، پەقەت قەرز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىم بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، مېنى خوشال قىلىدىغىنى، شۇنداق دەيمەنكى، ئوھۇد تېغى مېنىڭ بولۇپ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق بەرسەم» دەپ ئۆزىنىڭ ئوڭ، سول ۋە كەينى تەرەپلىرىگە ئىشارەت قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققۇچى تاكى جىھادتىن قايتىپ كەلگۈچە: بوشاشماي روزا تۇتۇپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن نامازغا تۇرىدىغان كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەرۋەردىگارىنى ئەسلەيدىغان كىشى بىلەن ئەسلىمەيدىغان كىشى ئۆلۈك بىلەن تىرىككە ئوخشاش
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇڭلار، كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن مېنىڭدىن كىيىن قالغىنىڭلاردا، دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننەتلىرىنىڭ سىلەرگە يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئاللاھغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا بىر ئات تەييارلىسا، قىيامەت كۈنى ئۇ ئاتنىڭ يېگىنى ۋە ئىچكىنى، تېزەكلىگىنى ۋە سىيگەنلىرىدىن تارتىپ ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىق تارازىسىغا چۈشىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئاللاھ يولىدا جۇپ-جۇپى بىلەن نەرسە سەرپ قىلسا، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىك ياخشىدۇر دەپ چاقىرىلىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ناماز ئەھلى بولسا ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا جىھاد ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمىكى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلسا، ئۇنىڭغا يەتتە يۈز ھەسسە ساۋاب يېزىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا كاپالەت بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن كاپالەت بېرىمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقسا، تاكى ئۇ قايتىپ كەلگۈچە ئاللاھ يولىدا بولغان بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولسا، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا بىر پاي ئوق ئاتسا ئۇنىڭغا بىر قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرىزنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسۇن ياكى قەرىزنى كەچۈرۋەتسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى (سالاتۇل بەردەين) يەنى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇسا جەننەتكە كىرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بىر قېتىم ساغقۇچىلىك مىقداردا ئۇرۇش قىلغان مۇسۇلمان كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ، كىم ئاللاھنىڭ يولىدا جاراھەتلەنسە ياكى يارىلانسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جاراھىتى ياكى يارىسىدىن قان ئاققان رەڭگى زەپەر رەڭگىدە، پۇرىقى ئىپاردەك خۇشبۇي ھالىتىدە كىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
قومۇشتىن ياسالغان ئۆيىمىزنى ئوڭشاۋاتقان ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ «بۇ نېمە ئىش؟» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ناۋادا «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
تامىقىڭلارنى بىر قاچىغا يېغىپ يەڭلار! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلاڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تامىقىڭلاردا بەرىكەت بېرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىق ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى مەجبۇرلانغانلىق سەۋەبتىن يۈزبەرگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ ۋاپات بولغىچە قەدەر ئىزچىل ۋەھيى قىلغان، ئەڭ كۆپ ۋەھيى نازىل بولغان ۋاقىتلار رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
خورمىنى جۈپلەپ يېمەڭلار، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خورمىنى جۈپلەپ يېيىشتىن توسقان. ئاندىن: ئەمما ھەمراھىدىن رۇخسەت ئېلىپ يېسە دۇرۇس، دېگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئارلاشتۇرۇلغان سۈت كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر سەھرالىق سول تەرىپىدە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئىچتى، ئاندىن سەھرالىققا بەردى ۋە ئوڭدىن باشلانسۇن، دىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھىم كەچۈرۈلەمدۇ؟
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا، تىرناقلىرى تۇچتىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنى كۆرۈپ: ئى جىبرىئىل! ئۇلار كىم؟دېۋىدىم، جىبرىئىل: بۇلار كىشىلەرنىڭ گۆشىنى يەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان كىشىلەر دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر تۇلۇمدا بىرەر كېچە تۇرغان سۇ بولسا شۇنى بېرىڭ، بولمىسا ئېرىقتىنلا ئېچەيلى
عربي الإنجليزية الأوردية
مېيىتقا ئۈچ نەرسە ئەگىشىدۇ: ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتى، مېلى ۋە ئەمىلى، ئاندىن ئىككىسى قايتىپ كېتىدۇ ۋە بىرى قالىدۇ، ئەھلى ۋە مېلى قايتىپ كېلىدۇ، ئەمىلى قالىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن تۇتۇلۇپ، زېمىندا ئۇنىڭغا ئورەك كولۇنۇپ كۆمۈلۈپ، ئاندىن ھەرە ئېلىپ كېلىنىپ، بېشى ئۈستىگە قويۇلۇپ، ھەرىدىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىلگەن ۋە تۆمۈر تاغاقلار بىلەن گۆشىنى ئۇستىخىنىدىن ئايرىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ (ئازابلار) دىنىدىن ياندۇرالمىغان كىشىلەر بولغان ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
سەدىقە ھەققىدىكى ئايەت چۈشكەندە بىز ھامماللىق قىلىپ جېنىمىزنى باقاتتۇق، بىر كۈنى بىر كىشى كېلىپ نۇرغۇن نەرسىنى سەدىقە قىلدى، كىشىلەر: «رىياخۇر» دېيىشتى، يەنە بىر كىشى كېلىپ بىر «سا» نەرسە سەدىقە قىلدى، كىشىلەر: «ئاللاھ ئۇنىڭ بىر «سا» نەرسىسىدىن بىھاجەتتۇر» دېيىشتى، شۇ ۋاقىتتا: { (مۇناپىقلار)مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ } دېگەن ئايەت نازىل بولدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئىككى خوشنام بار بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىگە بىر نەرسە ھەدىيە قىلماقچى بولسام، قايسىسىغا قىلسام توغرا بولىدۇ، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: قايسىسىنىڭ ئىشىگى ساڭا يېقىن بولسا شۇنىڭغا قىلغىن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ئاللاھ تائالا قەلبىڭلەردىن رەھمەتنى تارتىۋەتسە مەندە نېمە ئامال!
عربي الإنجليزية الأوردية
قايسى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ كاتتا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: تىنىڭ ساغلام، پۇل-مالغا ئىھتىياجلىق تۇرۇپ، كەمبەغەللىقتىن قورققان ۋە بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقتىڭدا سەدىقە قىلىشىڭ، دېدى. ئۆلۈم سەكراتىغىچە سەدىقە قىلىشنى ئارقىغا سوزمىغىن، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مال-مۈلىكىمنى پالانچىغا بېرىڭلار، بۇنى پالانچىغا بېرىڭلار دەيسەن ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا مال-مۈلىكىڭ پالانچىغا تەۋە بولۇپ بولغان بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ، مەن سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
يىپەك كىيىملەرنى كىيىش ۋە ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئىستىمال قىلىش ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە ھارام قىلىنىپ، ئاياللىرىغا دۇرۇس قىلىندى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاسىسىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى پاچىقىنى تىكلەپ ئولتۇرۇپ خورما يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يەپ، يەپ بولغاندىن كىيىن بارماقلىرىنى يالىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كەپتۇ، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ ئېسىغلىق تۇرغان تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن سۇ ئىچتى، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكەن تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى كېسىۋالدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەپۇچان ۋە كەڭ قورساق بولساڭ، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدە 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشى تۇغرۇلۇق سورىغاندا، بىر راھىب كۆرسۈتۈلۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىسا، راھىب: «ياق» دېدى، ئاندىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈردى
عربي الإنجليزية الأوردية
نەسەبتە ھارام قىلىنغان ئىش ئېمىلداشلىقتىمۇ ھارام قىلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا پاكتۇر، پەقەت پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئەلچى ۋە پەيغەمبەرلەرنى نېمىگە بۇيرىغان بولسا، مۆمىنلەرنىمۇ شۇنىڭغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ئى پەيغەمبەرلەر ھالال نەرسىنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، دېگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمىكى بىر كۈن ئاللاھ يولىدا خالىس روزا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ يۈزىنى دوزاختىن70 يىللىق مۇساپىدە يىراق قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىنسانلار ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئۇلار دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
بۈگۈن روزا تۇتمىغۇچىلارمۇ ساۋابقا ئېرىشتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەككە ئازاد بولغان يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەندە بېشىدا دۇبۇلغا بار ئىدى، دۇبۇلغىنى ئالغاندا بىرسى كېلىپ: ئىبنى خەتەل كەبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ تۇرۇۋاپتۇ، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىڭلار» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىتىر زاكىتىنى كۈندۈلۈك يىمەكلىكىمىزدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا، قۇرۇتتىن بىر سا ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سا بىرەتتۇق. مۇئاۋىيەنىڭ زامانىدا شامنىڭ بۇغدايلىرى كىلىۋېدى، ئۇ دېدىكى: بۇنىڭدىن بىر ئۇۋۇچى ئۇنىڭدىن ئىككى ئۇۋۇچقا تەڭ كېلىدۇ، دەپ قارايمەن دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئەنسارلار جامائىتى، مەن سىلەرنى ئازغۇن ھالدا تېپىپ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا سىلەرگە مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ھىدايەت بەرمىدىمۇ؟ سىلەر چېچىلاڭغۇ ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئىتتىپاق قىلمىدىمۇ؟ مەن سىلەرنى مۇھتاج ھالدا ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنى بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى مەن بىلەن ئېتىكاپ قىلىدىكەن، رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە قىلسۇن، ماڭا قەدىر كېچىسى كۆرسىتىلگەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم، مەن ئۆزۈمنى شۇ كۈنى سەھەردە بىر سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغىنىمنى كۆرگەنىدىم، سىلەر ئۇنى رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىن ئىزدەڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە رۇخسەت قىلدى، سىلەرگە رۇخسەت قىلمىدى. ماڭا پەقەت كۈندۈزى ئازراق مۇددەت رۇخسەت قىلىندى، بۈگۈن ئۇنىڭ ھاراملىقى تۆنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا قايتىپ كەلدى، شۇئان ھازىر بولغانلار غائىپ بولغانلارغا يەتكۈزۈپ قويسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
مەككە پەتھىدىن كېيىن ھىجرەت يوق، لېكىن جىھاد ۋە ئۇنىڭغا نىيەت قېلىش مەۋجۇتتۇر، ئەگەر جىھادقا چاقىرىلساڭلار چىقىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە قەدەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا تۇراتتى، پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن ئاياللىرىمۇ ئېتىكاپ قىلىشتى
عربي الإنجليزية الأوردية
سوھۇرلۇق يەڭلار! ھەقىقەتەن ئۇنىڭدا بەرىكەت باردۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە بەرگەن رۇخسىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن رامىزان ئېيىدا سەپەرگە چىقتۇق، ھاۋا قاتتىق ئىسسق ئىدى، ھەتتاكى بەزىلىرىمىز ئىسسىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن قولىنى بېشىغا قويۇۋالاتتى، بىزنىڭ ئارىمىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەدىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتمىغان ئېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سەپەردىكى چاغدا روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمىنى سورىۋېدى، جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر خالىساڭ تۇتقىن، خالىمىساڭ تۇتمىغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
رامزان ئېيىنىڭ بېشىغا بىر ياكى ئىككى كۈننى ئۇلاپ روزا تۇتماڭلار! ئەمما نورمالدا مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى ئادەت قىلغان ئادەم تۇتسا بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇسۇلماننىڭ ئېتى ۋە قۇلىغا زاكات كەلمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرز قىلىپ بىكىتكەن «رامىزاندا دېگەندەك رىۋايەتمۇ بار» بەزى ساھابىلەر ئارپا، خورمىنىڭ ئورنىغا يېرىم سا بۇغداي بەرگەن، مەيلى كىچىك بالا بولسۇن مەيلى چوڭ ئادەم بولسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كىچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا سەپەر قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزان كېچىلىرى بامدات ۋاقتىغىچە ئاياللىرى بىلەن بىرگە بولاتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توستى، ساھابىلار: سىلى ئۇلاپ تۇتىدىلىغۇ؟ دېگەندە، مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، مەن يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىپ تۇرىمەن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قانداق بىر روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ-ئىچكەن بولسا، ئۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بەرگەنلىكىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنمۇ دەپ سورالغاندا، ھەئە دەپ جاۋاب بەرگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشتىن توسقان، رامىزان روزىسىدىن ئېغىز ئاچقان كۈندە، يەنە بىر كۈن بولسا، قۇربانلىق قىلغان گۆشنى يەيدىغان كۈندە
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەج قىلغىلى كەلدۇق، بىز ھەجگە تەلبىيە ئېيتىۋاتاتتۇق(يەنى نىيەت قىلىۋاتاتتۇق)، رەسۇلۇللاھ بىزنى ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىدى، بىز نىيىتىمىزنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
ئانام بىر ئايلىق روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا ئۇ تۇتالماي قالغان روزىنى تۇتۇپ قويسام بولامدۇ دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ: ئەگەر ئانىڭىزنىڭ قەرزى بولسا تولەمتىڭىز؟ دېگەندە، ئۇ كىشى ھەئە دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشقا ئۇ تېخىمۇ ھەقلىقدۇر، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
شەيتان ئادەم بالسىنىڭ ئىچىدە، قان تومۇردا ئاققاندەك ماڭىدۇ، مەن ئىككىڭلارنىڭ قەلبىگە شەيتان ۋەسۋەسە سېلىشتىن ئەنسىرىدىم دېگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەلبىيەدە مۇنداق دەيتى: مەن ھازىرمەن ئى ئاللاھ مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇ-سانا، نېمەت ۋە پادىشاھلىق پەقەت ساڭىلا خاستۇر، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنىڭ سىرداش دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ھەر كۈنى ئىككى رەكئەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى ۋەسىيەت قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە قايىتقاندا قانداق ماڭاتتى؟، «ئالدىرىماي ماڭاتتى، كىشىلەر ئاز جايلاردا تىز ماڭاتتى» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قەدىر كېچىسىنى ئاخىرىقى ئوندىكى تاق كېچىلەردىن ئىزدەڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك روزا داۋۇت ئەلەھىسسالامنىڭ روزىسى، نامازلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكى داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى. كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتى، ئومۇمى كېچىنىڭ 3/1 دە ناماز ئوقۇيتى قالغان قىسمىدا يەنە ئۇخلايتى. بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈن تۇتمايتى
عربي الإنجليزية الأوردية
بەش تۈرلۈك ھايۋان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناچاردۇر، ئۇلار ھەرەم دائىرسىدىمۇ ئۆلتۈرىلىدۇ: قاغا، سار، چايان، چاشقان ۋە غالجىر ئىتتىن ئىبارەت
عربي الإنجليزية الأوردية
كۆينەك، سەللە، ئىشتان، پەرنچە، ئۆتۈك، كەيمەيدۇ، پەقەت ئايىقى يوق كىشىلا ئۆتۈكنىڭ قونجىنى ئوشۇقتىن تۆۋەنرەك كېسىۋېتىپ كېيسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنىڭ قارىشىمچە چۈشلىرىڭلار ئاخىرقى يەتتە كۈندە بىرلىككە كەلدى، قەدىر كېچىسىنى ئىزدىگۈچىلەر ئاخىرقى يەتتە كۈندە ئىزدىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
بەش ئۇقىيەگە يەتمىگەن كۈمۈشكە «بەش ئۇقىيە ھازىرقى 595 گىرامغا تەڭ» زاكات كەلمەيدۇ. بەش تۆگىدىن ئاز چارۋىغا زاكات كەلمەيدۇ. بەش ۋەسەقكە يەتمىگەن ئاشلىققا ئۆشرەچىقىرىلمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى رەسۇلۇللاھ مەن جاھىلىيەتتە ھەرەم مەسچىتىدە بىر كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، قانداق قىلىمەن دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ۋەدەڭگە ۋاپا قىلغىن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ھىلال ئاينى كۆرسەڭلار روزا تۇتۇڭلار، ئەگەر كېيىنكى ھىلال ئاينى كۆرسەڭلار ئېغىز ئېچىڭلار. ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ قالسا، مولچەرلەپ ئىش قىلىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
سېنى شەكتە قويغان ئىشنى تاشلاپ، كۆڭلۈڭ ئارام تاپقان ئىشنى قىلغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىنسان بەدىنىدىكى ھەر بىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن كۈندە سەدىقە قىلىپ تۇرىشى لازىم. ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم قىلشى سەدىقە بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ ئۇلۇغىغا مېنىشىگە ياردەم بىرشى ياكى ئۇلاغ ئۈستىدىكى كىشىگە نەرسىسىنى سۇنۇپ بىرىشى قاتارلىقلارمۇ سەدىقە بولىدۇ. ياخشى سۆز سەدىقە بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەسەد قىلىشماڭلار، يالغان خېرىدار بولىۋامماڭلار، بىربىرىڭلارنى يامان كۆرۈشمەڭلار، ئاداۋەت قىلىشماڭلار، سودىنى بۇزۇپ بىر نەرسە ساتماڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال ئەمەس، پەقەت نىكاھلانغاندىن كىيىن زىنا قىلغان كىشى، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى ۋە دىنىنى تاشلاپ، مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ بۆلۈنىشىگە سەۋەپ بولغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە (كامىل) مۆمىن بولالمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى يەزىد! سېنىڭ نىيەت قىلغىنىڭنىڭ ئەجرى ساڭا تېگىشلىك بولدى، ئى مەئىن سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەردە كىشىلەرنىڭ داۋاسىغا ئاساسەن دېگىنى بىرىلىدىغان بولسا ئىدى، مەلۇم كىشىلەر بىراۋلارنىڭ ئۈستىدە پۇل-مال ۋە قان داۋالىرىنىڭ بارلىقىنى داۋا قىلىشاتتى، لېكىن داۋا قىلغان كىشىنىڭ دەلىل-پاكىت كۆرسىتىشى، ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ قەسەم ئىچىشى كىرەك
عربي الإنجليزية الأوردية
ئادەم بالىسىنىڭ تويمايدىغان قورسىقىدىنمۇ يامان نەرسە يوق. ئەسلىدە ئادەم بالىسىغا ھاياتىنى ساقلىيالىغۇدەك بىر قانچە لوقما كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر كۆپرەك يېمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالسا، قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن. ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن ۋە ئۈچتىن بىرىنى نەپەسلىنىشى ئۈچۈن بوش قويسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن توسقان ئىشلاردىن تولۇق چەكلىنىڭلار، بۇيرىغان ئىشلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يىتىشىچە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىملەر كۆپ سوئال سوراش، پەيغەمبەرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ھالاك بولدى
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمىكى مۆمىندىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋەتسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىدىن قىيامەتنىڭ ئېغىرچىلىقىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۋىتىدۇ، كىمىكى بىر كىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىدۇ، كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەيپىنى ياپىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ماڭا جەننەت ۋە دەۋزەخ كۆرسىتىلدى، مەن يامانلىق ۋە ياخشىلىقدا بۈگۈنكىدەك (نەتىجە) كۆرۈپ باقمىغانتىم. ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئۇسامە! ئۇنى: «لائىلاھە ئىللەللاھ» دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن: «بارلىق ھەمدۇ سانا پاك ۋە بەرىكەتلىك بولغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىم بىزگە رىزىق بېرەلمەيدۇ، بىزگە رىزىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، بىز پەرۋەردىگارىمىزغا مۇھتاجمىز» دەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى ناماز ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مۇسىبەت يەتكەندە ۋارقىراپ - جارقىرايدىغان، قاتتىق نالە-پەرياد قىلغانلىقتىن چاچلىرىنى يۇلىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە نارازى بولغانلىقتىن كىيىم كېچەكلىرىنى يىرتىدىغان ئاياللاردىن ئادا - جۇدادۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى خام سامساق ياكى پىياز يېسە، بىزدىن يىراق تۇرسۇن ياكى مەسجىدىمىزدىن يىراق تۇرسۇن ۋە ئۆيىدە ئولتۇرسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
سەجدە سەھۋە توغرىسىدىكى زۇليەدەيىننىڭ ھەدىسى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھغا شەھەرلەر ئېچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جايلار ئۇنىڭ مەسچىتلىرىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ شەھەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان جايى ئۇنىڭ بازارلىرىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىسرائىل ئەۋلادىنى پەيغەمبەرلەر باشقۇراتتى، ھەر قاچان بىر پەيغەمبەر ۋاپات بولسا ئورنىغا يەنە بىرى كېلەتتى، مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، مەندىن كېيىن كۆپ خەلىپىلەر بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرغايسەن، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مېھرىبان بولغايسەن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە كېچىچە ئىبادەت قىلاتتى، ئائىلىسىنى نامازغا ئويغىتاتتى ۋە ھېممەت كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ ئىبادەتتە تىرىشچانلىق قىلاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇ دوزاختا (دېدى)، ئۇلار بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر تونغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قانداقمۇ خۇشال بولغىلى بولسۇن! پەرىشتە قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن سۈر چېلىشقا تەييارلىق ھالىتدە بولۇپ، ئاللاھدىن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماقتا
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەلەيكەسسالام» دېمە، «ئەلەيكەسسالام» ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام، «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم» دېگىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇرۇش تاكتىكىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى مۇنداق دېدى: «بۇ بايراقنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمگە بېرىمەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق غەلىبە ئاتا قىلىدۇ».
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تاماقلارنى نادىر ئەھۋاللاردا يەيتتۇق، ئۇنداق تاماقلارنى يېگىنىمىزدە، قولىمىزنى ئېيتىدىغان لۈڭگە، قولياغلىقلار يوق بولۇپ، پەقەت ئالقان، بىلەك ۋە پۇتلىرىمىزلا بار ئىدى، تاماقتىن كېيىن تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچبىر تاماقنى ئەيىبلىمىگەن، ياقتۇرسا يەيتتى، ياقتۇرمىسا قويۇپ قوياتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار: خۇددى بىر كىشى ئوت ياققان ئاندىن ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەر چۈشۈشكە باشلىغان ھالەتكە ئوخشايمىز. مەن سىلەرنىڭ بىلىڭلاردىن تۇتۇپ ئوتقا چۈشۈشتىن توسۇۋاتىمەن، ئەمما سىلەر مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتىپ بارىسىلەر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ تايانچىم ۋە ياردەمچىم، سىنىڭ ياردىمىڭ بىلەن تەدبىر قىلىمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدىغان ياكى ناھايتى ئاز قايتۇرىلىدىغان ئىككى خىل دۇئا بار، بىرسى؛ ئەزان ئېيتىلىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا، يەنە بىرسى؛ تازا قاتتىق ئۇرۇش بولىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا
عربي الإنجليزية الأوردية
بۇ بىر تۆگەڭنىڭ ئورنىغا ساڭا قىيامەت كۈنى نۇختىلانغان 700 تۆگە بېرىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، بويسۇنۇڭلار، سىلەرمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلاردىن سورىلىسىلەر، ئۇلارمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن سورىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية