عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما أَنَّ رَجُلاً مِنَ الأعرَاب لَقِيهَ بِطَريق مَكَّة، فَسَلَّم عَلَيه عَبد الله بنُ عمر، وَحمَلهُ على حمار كان يركَبُهُ، وَأعطَاه عِمَامَة كَانت على رأسه، قال ابن دينار: فقُلنا له: أَصْلَحَك الله، إنَّهم الأعراب وهُم يَرْضَون بِاليَسِير، فقال عبدُ الله بنَ عُمر: إِنَّ أَبَا هَذَا كَانَ وُدًّا لِعُمر بنِ الخطَّاب رضي الله عنه وإنِّي سَمِعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «إِنَّ أَبَرَّ البِرِّ صِلَةُ الرَّجُل أَهْلَ وُدِّ أَبِيه».
وفي رواية عن ابن دينار، عن ابن عمر: أنَّه كان إذَا خَرَج إلى مكة كان له حمار يَتَرَوَّحُ عليه إذا ملَّ رُكُوبَ الرَّاحِلة، وَعِمَامة يَشُدُّ بها رأسه، فَبينَا هو يومًا على ذلك الحمار إِذْ مَرَّ بِهِ أَعْرَابِي، فقال: أَلَسْتَ فُلاَن بنَ فُلاَن؟ قال: بَلَى. فَأَعْطَاهُ الحِمَار، فقال: ارْكَب هَذَا، وَأَعْطَاهُ العِمَامَةَ وَقَالَ: اشْدُدْ بِهَا رَأْسَكَ، فَقَالَ لَهُ بَعض أصحَابِه: غفر الله لك أَعْطَيت هذا الأعرابي حمارا كنت تَرَوَّحُ عليه، وعِمَامَة كُنتَ تشدُّ بها رأسَك؟ فقال: إِنِّي سمِعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «إِنَّ مِنْ أَبَرِّ البِّر أَنْ يَصِلَ الرَّجُلُ أَهْلَ وُدَّ أَبِيهِ بَعْدَ أَنْ يُوَلِّيَ» وَإِنَّ أَبَاه كان صَدِيقًا لِعُمَرَ رضي الله عنه .
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇنىڭغا ئەئرابىلاردىن بولغان بىر كىشى مەككە يولىدا ئۇچراشتى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭغا سالام قىلىپ، ئۇنى ئۆزى مېنىۋاتقان ئېشەككە مىندۈرۈپ قويدى ۋە بېشىدىكى سەللىسىنى ئۇنىڭغا بەردى، ئىبنى دىنار مۇنداق دەيدۇ: بىز ئابدۇللاھقا: ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن!، ئۇ ئەئرابىلار ئازراق نەرسىگە رازى بولىدىغان كىشىلەر ئىدى، دېدۇق، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: ئۇنىڭ دادىسى دادام ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دوستى ئىدى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر»، ئىبنى دىنارنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر توغرۇلۇق قىلغان رىۋايىتىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مەككىگە چىقىپ قالسا تۆگە مىنىشتىن زېرىككەندە مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشىكى ۋە بېشىغا ئورىۋالىدىغان سەللىسى بار ئىدى، بىر كۈنى ئۇ ئېشەككە مىنىپ كېتىۋاتقاندا بىر ئەئرابى ئۇچرىشىپ قالدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانى ئەمەسمۇ؟ دېدى، ئەئرابى: «شۇنداق» دېدى، ئابدۇللاھ ئېشەكنى ۋە سەللىنى ئۇنىڭغا بېرىپ: «ئېشەكنى مىنگىن ۋە بۇ سەللىنى ئورىغىن» دېدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بەزى ھەمراھلىرى: ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلسۇن! ، سەن بۇ ئەئرابىغا ئۆزۈڭ مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشەكنى ۋە بېشىڭغا ئورايدىغان سەللىنى بېرىۋەتتىڭغۇ؟ دېگەندە، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسىدىن كىيىن ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاتام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى ئىدى، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككە تەرەپكە چىقىپ تۆگە مىنىپ زېرىكىپ قالغاندا مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشىكىنى بىرگە ئىلىپ چىقاتتى، ئېشەككە مىنىپ راھەتلىنىپ بولۇپ تۆگىسىگە مىنەتتى، بىر كۈنى ئۇ يولدا بىر ئەئرابىيغا ئۇچراشتى، ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭدىن: «سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانىمۇ؟ » دەپ سورىدى، ئەئرابى: «ھەئە» دېدى، ئىبنى ئۆمەر ئېشەكتىن چۈشۈپ: «بۇ ئېشەككە مىنگىن» دېدى ۋە بېشىغا ئورايدىغان سەللىسىنىمۇ بېرىپ: «بۇ سەللىنى ئورىغىن» دېدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بەزى ھەمراھلىرى: ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن ياكى ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلسۇن! ئۇلار دېگەن ئەئرابىلار، ئۇنچە قىلمىساڭمۇ رازى بولىدۇ، دېدى، يەنى: «سەن ئېشەكتىن چۈشۈپ پىيادە كېتىۋاتىسەن، بېشىڭغا ئورايدىغان سەللەڭنىمۇ بېرىۋەتتىڭ، ئەئرابى دېگەن بۇنىڭدىنمۇ ئازراق نەرسە بەرسەڭمۇ رازى بولۇپ كېتەتتى» دېمەكچى ئېدى، ئۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر» دېگەن، يەنى: ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى ياكى يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋاپات بولسا ئۇ ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدۇ، يەنى پەقەت ئۇنىڭ دوستىغىلا ئەمەس بەلكى دوستىنىڭ يېقىنلىرىغىمۇ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئىبنى ئۆمەر: «بۇنىڭ ئاتىسى ئاتام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى ئىدى» دېگەن، ئەئرابىنىڭ دادىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى بولغاچقا دادىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستلىقىنى قەدىرلەپ شۇنداق قىلغان ئىدى