عن عبد الله بن عباس رضي الله عنهما قال: «جاء رجل إلى النبي صلى الله عليه وسلم فقال: يا رسول الله، إن أمي ماتت وعليها صوم شهر. أَفَأَقْضِيهِ عنها؟ فقال: لو كان على أمك دَيْنٌ أَكُنْتَ قَاضِيَهُ عنها؟ قال: نعم. قال: فَدَيْنُ اللهِ أَحَقُّ أن يُقْضَى ». وفي رواية: «جاءت امرأة إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم فقالت: يا رسول الله، إن أمي ماتت وعليها صوم نذر. أفأصوم عنها؟ فقال: أرأيت لو كان على أمك دَيْنٌ فَقَضَيْتِيهِ ، أكان ذلك يُؤَدِّي عنها؟ فقالت: نعم. قال: فَصُومِي عن أمك».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! ئانام بىر ئايلىق روزىسىنى تۇتالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتۇپ قويسام بولامدۇ دەپ سورىۋېدى، رەسۇلۇللاھ: ئەگەر ئانىڭىزنىڭ قەرزى بولسا تولەمتىڭىز؟ دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشقا ئۇ تېخىمۇ ھەقلىق دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە بىر ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! ئانام رۇزا تۇتۇشنى نەزىر قىلىپ، ئۇنى تۇتالماي ئۆلۈپ كەتكەن، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتۇپ قويسام بولامدۇ دەپ سورىۋېدى. رەسۇلۇللاھ: ئەگەر ئانىڭىزنىڭ قەرزى بولسا ئۇنى تولىسىڭىز قەرزى ئادا بولامتى؟ دېۋىدى، ئۇ ئايال: ھەئە دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنداقتا ئانىڭىز ئۈچۈن روزا تۇتۇڭ، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىس ئىككى رىۋايەت ئارقىلىق كەلگەن، كۈچلۈك كۆز قاراشلاردا بۇ ئىككىسى ئىككى ۋەقەلىك بولۇپ، بىرىنچىسى: بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ، ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، بىر ئايلىق قازا روزىسىنى تۇتالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئانىسىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش ھۆكمىنى سورىغان. ئىككىنچىسى: بىر ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغانلىقىنى(نەزىز قىلىش يەنى ئىبادەت ئىشلىرىدىن بىرنى قىلىشنى ئاللاھقا ۋەدە قىلىشتۇر) ئۇ روزىنى ئانىسىنىڭ ئورنىدا تۇتۇشىنىڭ ھۆكمىنى سورىدى. رەسۇلۇللاھ ھەر ئىككى كىشىگە روزىنى تۇتۇشقا پەتىۋا بەردى. ئاندىن ئۇلارغا مىسال ئېلىپ چۈشەندۈردى، ئەگەردە ئۇلارنىڭ ئانىلىرىنىڭ ئۈستىدە قەرز بولسا ئۇنى ئىگىسىگە تولەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار شۇنداق قەرزنى قايتۇرىمىز دېدى. رەسۇلۇللاھ: خۇددى ئىنسانلارنىڭ قەرزى قايتۇرۇلغاندەك ئوخشاشلا ئاللاھ تائالانىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش لازىم، دەپ جاۋاب بەردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ