عن أبي عبيد، مولى ابن أزهر، قال: شهدت العيد مع عمر بن الخطاب رضي الله عنه ، فقال: هذان يومان نهى رسول الله صلى الله عليه وسلم عن صيامهما: يوم فطركم من صيامكم، واليوم الآخر تأكلون فيه من نُسُكِكُم.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئىبنى ئەزھەرنىڭ ئازاتگەردىسى ئەبى ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىر ھېيىت نامىزىنى بىللە ئوقۇدۇم، ئۇ خۇتبىدە مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتشتىن توسقان، رامىزان روزىسىدىن ئېغىز ئاچقان كۈندە، يەنە بىر كۈن بولسا، قۇربانلىق قىلغان گۆشنى يەيدىغان كۈندە
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا ئىككى كۈننى مۇسۇلمانلارغا ھېيىت قىلىپ بېكىتىپ بەردى، ئۇنىڭ ھەر بىرى دىنى ئەھكاملار بىلەن باغلانغان بولۇپ، روزا ھېيىت بولسا، رامىزان روزىسىنىڭ تۈگىشىگە باغلانغان. بۇ كۈندە مۇسۇلمان روزىنى تولۇق تۇتۇش نېمىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا رەھمەت ئېيتىپ، ئېغىز ئېچىپ تەبرىكلەيدۇ ۋە روزىدىن كېيىن ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئېغىز ئېچىش نېمىتىنى نامايەن قىلىدۇ. «ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغان ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلىشىڭلارنى ۋە نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ» زارىيات سۇرىسى17-ئايەت. ئىككىنجى كۈن بولسا ئۇ قۇربان ھېيىت كۈنى، قۇربانلىق قىلىش ھەجگە ھەدىيە ئېلىپ كېلىش ئىشلىرىغا باغلانغان. كىشىلەر بۇ كۈندە ھەجگە ھەدىيە ھەيدەپ كېلىدۇ، قۇربانلىق قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنىى قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېيىش ئارقىلىق نامايەن قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئىككى كۈندە مۇسۇلمان كىشىگە ئېغىز ئېچىش ۋاجىپ، ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش ھارامدۇر