79ھەدىسلەر تىزىملىكى

ھەدىسلەر تىزىملىكى 79

1. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ
2. قىيامەت كۈنى تۈنجى بولۇپ قان – قىساس مەسىلىلىرىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ
3. بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى - 4 ملاحظة
4. ئەزاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا، مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى دەڭلار
5. قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم
6. ياق، بولمايدۇ، بۇ دېگەن تومۇردىن بولغان كېسەللىك، لېكىن سىز ھەر ئايدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەيز كۆرۈدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ قالغان كۈنلەردە ناماز ئوقۇيسىز»دېدى
7. سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئالغاندا، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئېچىگە تارتىپ بۇرنىنى تازىلاپ سىرتقا چىقىرۋەتسۇن، ئىستىنجا قىلغان كىشى تاق قىلسۇن
8. ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق - 2 ملاحظة
9. ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقتۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئىز باسار قىلىپ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ساقلىنىڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار - 2 ملاحظة
10. مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون رەكەت نەپلە نامازنى ئېسىمدە تۇتتۇم
11. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، بىر ئادەمنىڭ نامازدا تۇرغاندا تاھارىتى سۇنغاندەك ھېس قىلىپ قالىدىغانلىقى شىكايەت قىلىنغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىرەر ئاۋاز ئاڭلىمىغۇچە ياكى پۇراق ھېدلانمىغۇچە نامازدىن چىقىپ كەتمىسۇن، دېدى - 1 ملاحظة
12. سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورقمامدۇ؟! ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار بېشىنى ئىمامدىن بۇرۇن كۆتەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بىشىغا ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟
13. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى
14. ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھلىق تېلەيمەن - 2 ملاحظة
15. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرسە: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ ئەركەك-چېشى شەيتانلاردىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەيتتى
16. يېقىندا تاللاش ۋە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلار بولىدۇ»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ ۋاقىتتا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرىيلا؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئاللاھدىن سوراڭلار
17. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا، ئىككى قولىنى يۇيىتتى، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇناتتى
18. مېنىڭ قارىشىمدا سىلەرگە مەسىھ دەججالدىنمۇ قورقۇنۇچلۇقراق بىر ئىشنى دەپ بىرەيمۇ؟ دېگەندە، ساھابىلار: دەپ بەرسىلە، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! دىيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ يوشۇرۇن شېرىكتۇر، ناماز ئوقۇغۇچى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە قارىغانلىقىنى كۆرگەندە نامازنى ناھايىتى چىرايلىق ئۇقۇيدۇ» دېدى - 1 ملاحظة
19. ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە تۇرغۇچىلار ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ مىسالى: بىر كېمىگە بارابەر چىققان ئۇنىڭدىن كېيىن كېمىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستى قەۋېتىدە ئولتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزئارا چەك تاشلاشقان، بەزىلىرىگە ئۈستۈن قەۋەت چىققان يەنە بەزىلىرىگە ئاستى قەۋەت چىققان - 8 ملاحظة
20. مەندىن مەزى كۆپ كېلەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە ئايالىم بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ سوئالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن ھايا قىلىپ، مىقداد بىن ئەسۋەدنى سوراشقا بۇيرىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئەۋرىتىنى يۇيىدۇ ۋە تاھارەت ئالىدۇ
21. ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار. لېكىن ئاللاھ تائالا خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار
22. سىلەر(ھەقىقى)مۇئ‍مىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئ‍مىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۆزئارا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار - 2 ملاحظة
23. قايسى ئىش ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟ دېسەم، :« ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى دېسەم، :«ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش - 2 ملاحظة
24. بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن» دېدى، ئۇ كىشى: قادىر بولالمايمەن ياكى يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«قادىر بولالمامسەن-يېيەلمەمسەن؟
25. كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ
26. شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر»، دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇم پال ئالمايدىغان برسى يوق ئېدى، لېكىن ئاللاھ تائالا شۇم پال ئېلىشنى تەۋەككۇل بىلەن كەتكۈزىۋەتتى
27. بىز: سىلە بىزنىڭ خوجىمىز، ئىگىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىگىمىز،، خوجىمىز ئاللاھ» دېدى، بىز: سىلە بىزنىڭ پەزىلەتتە ئەڭ ئەۋزىلىرىمىز، بىزنىڭ كاتتىمىز، چوڭىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئادەتلەنگەن سۆزۇڭلارنى دەڭلار، ئارتۇق تەكەللۇپ قىلماڭلار، شەيتان سىلەرنى چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشقا جۈرئەتلەندۈرمىسۇن» دېدى
28. ئەي ئىنسانلار! دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولۇپ كەتتى
29. ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن
30. كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش يوقتۇر، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن
31. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئۇلارنى پەقەت مۇئ‍مىنلا ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت مۇناپىقلار ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى ئاللاھ تائالامۇ ئۆچ كۆرىدۇ
32. ، ئۇ كىشى ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ
33. سەن مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ دۇمبىسى ۋە يۈزىنى سىلىدى
34. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇنۇپ ھالىتىمىزدە بىر قاچىدا يۇيىناتتىم، مەن ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئىشتان كىيىۋىلىشقا بۇيرۇپ قۇچاقلايتتى،
35. كىمىكى مۇنداق دېسە «يەنى ئۆيدىن چىققاندا»: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا چىقىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ كۈچ-قۇدرەت يوقتۇر. دېسە، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا: توغرا يولغا يېتەكلەندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ «يەنى ھاجەتلىرىڭ راۋا بولدى» دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاندىڭ دەپ نىدا قىلىنىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ
36. مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، نامازنى تولۇق ئادا قىلىش، زاكاتنى بېرىش، ھەقنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ھەر بىر مۇسۇلمانغا سەمىمى بولۇشتىن ئىبارەت ئىشلارغا بەيئەت قىلدىم
37. رەببىڭلار بولغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەببىڭلارنىڭ جەننىتىگە كېرىسىلەر
39. مېنى ئەمەل قىلسام جەننەتكە كېرىشىمگە سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويسىلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلغىن، پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلغىن، ماللىرىڭنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلغىن، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتقىن - 2 ملاحظة
40. مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن - 2 ملاحظة
41. بىز سىلىگە بەيئەت قىلدۇق، سىلىگە نېمىگە بەيئەت قىلىمىز؟دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىسىلەر، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيسىلەر، بىر كېچە-كۈندۈزدە پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىسىلەر، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىسىلەر(بىر سۆزنى مەخپى قىلدى) ئىنسانلاردىن بىر نەرسىنى سورىمايسىلەر
42. ئىنسانلار بىلەن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ، ناماز ئوقۇپ، زاكاتنى تولۇق ئادا قىلغۇچە
43. ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ
44. ئىنساننىڭ جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزى ئۆيىدە، دۇكىنىدا ۋە بازاردا يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ
45. ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى نېمىگە سەرىپ قىلدى، ئۈگەنگەن ئىلىمىگە قانچىلىك ئەمەل قىلدى، مال-دۇنياسىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نېمە ئىشلارغا چېقىم قىلدى، جىسمىنى نېمە ئىشلار بىلەن خورۇتتى؟ بۇنىڭدىن سورىلىدۇ؟
46. خەۋەر بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىمدىن يۇيۇنسا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟ - 2 ملاحظة
47. مۇئ‍مىنلارنىڭ ئۆزئارا دوستلىقى، كۆيۈنىشى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتمىغا ئوخشاش بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن بىئارەم بولىدۇ - 8 ملاحظة
48. ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ نامازنى ئادا قىلغىلى ئۇنىمىسا ئۇنىڭغا ئاساسەن ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورۇنلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار - 2 ملاحظة
49. قىيامەت كۈنىدە مۇئ‍مىننىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ناچار ئەخلاق ۋە سەت ئىشلارنى ئۆچ كۆرىدۇ - 2 ملاحظة
50. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا چىققان ئېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىگە قانداق شەكىلدە سالام بېرىشنى تەلىم بەردىلە، سىلىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت يوللايمىز؟ - 2 ملاحظة
51. سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەستۇر - 6 ملاحظة
52. كۈچلۈك مۇئ‍مىن ئاجىز مۇمىندىن ياخشىدۇر ۋە ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ھەممىسىدە ياخشىلىق بار
53. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئەي ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
54. ئىستىغپارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى - 4 ملاحظة
55. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت قاراڭغۇلىقىدۇر، بىخىللىقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى بىخىللىق سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى - 2 ملاحظة
56. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن
57. سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ
58. ، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ئەلۋەتتە سىلەر ئىلگىرىكىلەرنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىغا ئەگىشىسىلەر
59. بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «مېنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلدىڭمۇ؟ يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگىن» دېدى
60. قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر
61. ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇساڭ، بۇ سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى
62. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ كاتتىدۇر، جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، غالىب، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر - 6 ملاحظة
63. ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە تاھارەتنى كامىل ئېلىپ نامازنى خۇشۇ، تەدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلسا، چوڭ خاتالىق سادىر قىلمىغان بولسىلا، ناماز ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى كېچىك خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ يىل بويى شۇنداق بولىدۇ
64. قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئ‍مىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئ‍مىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق - 8 ملاحظة
65. ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە پۇشايمان قىلمايدۇ
66. كىمىكى مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغىنىنى ئاڭلىغاندا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالاغا رەب جەھەتتە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەلچىلىك جەھەتتە ۋە ئىسلامغا دىن جەھەتتە رازى بولدۇم دېسە، ئۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ
67. ئادەم ئەۋلادى مېنى يالغانغا چېقىرىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى، مېنى دەشنام قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى
68. كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمنى دۈشمەن تۇتىسا مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىمەن، بەندەم مەن پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن ماڭا يېقىنلىشالمايدۇ، - 2 ملاحظة
69. كىمىكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ
70. بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇننى چالا قويدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئۇ كىشىگە:« قايتىپ تاھارەتنى چېرايلىق، تولۇق ئالغىن»دېدى، ئۇ كىشى قايتا تاھارەت ئىلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلدى
71. دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان
72. ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايال ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن،
73. پەرىشتىلەر ئىت ۋە قوڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولمايدۇ
74. بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق
75. سىز ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزدە ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلىسىز، ئۇ كۈنلەردىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئىبادىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز
76. ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشى، مېسۋاك قىلىشى ۋە ئەگەر تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ - 4 ملاحظة
77. مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر
78. ئايال ئىككى كۈنلۈك مۇساپىدىكى سەپەرگە يالغۇز چىقمىسۇن، ئېرى ياكى باشقا مەھرەملىرى بىلەن بىرگە چىقسۇن
79. ھەرقانداق مەس قىلىدىغان نەرسە ھاراقتۇر، ھەرقانداق مەس قىلىدىغان نەرسە ھارامدۇر، دۇنيادا ھاراق ئىچىپ، تەۋبە قىلماي، داۋاملاشتۇرغانچە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاخىرەتنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيدۇ - 6 ملاحظة