1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر

ھەدىس ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە تاھارەتنى كامىل ئېلىپ نامازنى خۇشۇ، تەدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلسا، چوڭ خاتالىق سادىر قىلمىغان بولسىلا، ناماز ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى كېچىك خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ يىل بويى شۇنداق بولىدۇ

عَنْ عُثْمَانَ رضي الله عنه قَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:

«مَا مِنَ امْرِئٍ مُسْلِمٍ تَحْضُرُهُ صَلَاةٌ مَكْتُوبَةٌ فَيُحْسِنُ وُضُوءَهَا وَخُشُوعَهَا وَرُكُوعَهَا، إِلَّا كَانَتْ كَفَّارَةً لِمَا قَبْلَهَا مِنَ الذُّنُوبِ، مَا لَمْ يُؤْتِ كَبِيرَةً، وَذَلِكَ الدَّهْرَ كُلَّهُ».

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە تاھارەتنى كامىل ئېلىپ نامازنى خۇشۇ، تەدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلسا، چوڭ خاتالىق سادىر قىلمىغان بولسىلا، ناماز ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى كېچىك خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ يىل بويى شۇنداق بولىدۇ.

تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى سەھى مۇسلىم - 228

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە، تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنى پۈتۈن دىلى ۋە ئەزالىرى بىلەن، خۇشۇ بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقىنى دىلىدا ھازىر قىلىپ، نامازنىڭ رۇكۇ، سەجدە ۋە باشقا ھەرىكەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلسا، ئۇ كىشى چوڭ گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىلا، بۇ ناماز ئۇ كىشىنىڭ بارلىق كېچىك گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق ۋە پەزىلەت يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا داۋاملىشىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. نامازنىڭ گۇناھقا كاپارەت بولىشى ئۈچۈن ئىنسان تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىشى ۋە نامازنى خۇشۇ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
  2. ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى، بۇ كېچىك گۇناھلارنىڭ كاپارەت بولىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
  3. تاھارەتنى مۇكەممەل تولۇق ئېلىش، نامازنى خۇشۇ بىلەن تولۇق ئادا قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى بايان قىلىنىدۇ.
  4. كېچىك گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت بولىشى ئۈچۈن چوڭ گۇناھلاردىن يىراق بولۇشنىڭ مۇھىملىقى.
  5. چوڭ گۇناھلار پەقەت تەۋبە قىلىش بىلەن مەغپىرەت قىلىنىدۇ.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

58 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية
ئەسەرلەر