1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر

ھەدىس دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:

«صِنْفَانِ مِنْ أَهْلِ النَّارِ لَمْ أَرَهُمَا، قَوْمٌ مَعَهُمْ سِيَاطٌ كَأَذْنَابِ الْبَقَرِ يَضْرِبُونَ بِهَا النَّاسَ، وَنِسَاءٌ كَاسِيَاتٌ عَارِيَاتٌ مُمِيلَاتٌ مَائِلَاتٌ، رُؤُوسُهُنَّ كَأَسْنِمَةِ الْبُخْتِ الْمَائِلَةِ، لَا يَدْخُلْنَ الْجَنَّةَ، وَلَا يَجِدْنَ رِيحَهَا، وَإِنَّ رِيحَهَا لَيُوجَدُ مِنْ مَسِيرَةِ كَذَا وَكَذَا».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان، باشلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىۋالغان ئاياللار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدى خىلى يىراق ئارىلىقتىن تىپىلسىمۇ ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ.

تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى سەھى مۇسلىم - 2128

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان، ئۇ دەۋرىدە بولمىغان، بەلكى ئاخىر زاماندا مەيدانغا كېلىدىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولغان ئىككى تۈرلۈك ئىنسانلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.
بىرىنچى تۈردىكى كىشىلەر: كالىنىڭ قۇيرىقىدەك ئۇزۇن ئارغامچىلار بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىۋاتقان كىشىلەر، ئۇلار ساقچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى، ئۇلار زالىمغا ياردەم بېرىپ كىشىلەرنى ئورۇنسىز ئۇرىدۇ.
ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەر: ئادەتتە ئاياللارنىڭ تەبىئىتىدە بولىدىغان ھايا ۋە ئىپپەت كىيىمىدىن خالى بولغان ئاياللار.
ئۇلارنىڭ سۈپىتى: ئۇلار ھەقىقەتتە كىيىم كەيگەن بولسىمۇ ئەمما مەنادا يالىڭاچ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدىغان، بەدىنىنىڭ بەزىسىنى ئوراپ يەنە بەزى جايلىرىنى ئوچۇق قويىدىغان كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئەرلەرنىڭ دىللىرىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن نىپىز كىيىملەرنى كېيىپ، نايناقلاپ، تولغىشىپ مېڭىپ، باشقىلارنى بۇزۇشقا، توغرا يولدىن بۇراشقا ۋە ئازغۇنلۇققا سۆرەپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇلارنىڭ بېشى يوغانلىقىدىن تۆگىنىڭ ئىغاڭشىپ تۇرغان لوكىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار باشلىرىغا قوش ياقلىقلارنى ئوراش ياكى بەزى بىر نەرسىلەرنى قويۇپ بېشىنىڭ ھەجىمىنى ياكى چېچىنى چوڭ كۆرسىتىشكە ئۇرىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىنى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشىتىش بولسا، ئۆرىگەن چاچلىرىنى بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ چېچىنى ئۈستۈن قىلىۋالغانلىقى، ئۆرىگەن بەزى چاچلىرىنى بېشىنىڭ ئەتراپىغا قويۇپ بېرىپ خۇددى تۆگىنىڭ لوكىسى ئىككى تەرەپكە مايىل بولغاندەك قىلىشىدۇر. ئاياللارنىڭ قايسىسىدا بۇ سۈپەتلەر تىپىلىدىكەن، ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەسلىك-گەرچە جەننەتنىڭ پۇرىقى بەك يىراق مۇساپىدىن تىپىلىدىغان ۋە ھېدى كىلىدىغان بولسىمۇ- جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالماسلىق ۋە جەننەتكە يېقىنلىشالماسلىقتەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ھېچ قانداق گۇناھى بولمىغان ۋە خاتالىق سادىر قىلمىغان كىشىلەرنى ئۇرۇش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش ھارامدۇر.
  2. زالىملارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىش ھارام بولىدۇ.
  3. ئاياللارنى يېرىم-يالىڭاچ كېيىنىشتىن، ئەۋرەتلىرى ۋە بەدەن شەكىللىرى ئېنىق نامايەندە بولىدىغان تار ۋە نىپىز كېيىم كىيىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.
  4. مۇسۇلمان ئاياللارنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى لازىم تۇتۇش، دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ئاللاھنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرىغان كىشى ئاخىرەتتە دائىملىق ئازاپقا لايىق بولىدۇ.
  5. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىك ھەدىسلىرىدىن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ ۋاقىتتا يۈز بەرمىگەن، ئاخىر زاماندا يۈز بېرىدىغان غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەن.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

58 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية
ئەسەرلەر
  • . .