1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر

ھەدىس سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ

عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بنِ عُمرَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُما أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:

«كُلُّكُمْ رَاعٍ فَمَسْئُولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ، فَالأَمِيرُ الَّذِي عَلَى النَّاسِ رَاعٍ وَهُوَ مَسْئُولٌ عَنْهُمْ، وَالرَّجُلُ رَاعٍ عَلَى أَهْلِ بَيْتِهِ وَهُوَ مَسْئُولٌ عَنْهُمْ، وَالمَرْأَةُ رَاعِيَةٌ عَلَى بَيْتِ بَعْلِهَا وَوَلَدِهِ وَهِيَ مَسْئُولَةٌ عَنْهُمْ، وَالعَبْدُ رَاعٍ عَلَى مَالِ سَيِّدِهِ وَهُوَ مَسْئُولٌ عَنْهُ، أَلاَ فَكُلُّكُمْ رَاعٍ وَكُلُّكُمْ مَسْئُولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ».

ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ رەھبىرى چوڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە پەرزەنتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىڭلار!، ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ».

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى بۇخارى - 2554

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەمئىيەتتىكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكى ۋە ھەر بىرىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيتى بار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. باش رەھبەر، ئىمام، يېتەكچى ئاللاھ تائالا مەسئۇل قىلغان دائىرىدە ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، قارشى چىققۇچىلاردىن ھىمايە قىلىش، دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى جىھاد قىلىش ۋە خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى زايە قىلىۋەتمەسلىك قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەر بار. ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدە ئۇلارنىڭ كېرەكلىك ھازىرلىقلىرىنى تەييار قىلىپ بېرىش، ئەدەپ-ئەخلاق، تەلىم-تەربىيە ئۈگىتىش ۋە تۇرمۇشنى چېرايلىق شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇش مەسئۇلىيتى بار. ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدە، ئائىلە ئىشلىرىنى تەرتىپلىك ئىدارە قىلىش، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلەش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. خىزمەتچى، قۇل ۋە ياللانغان كىشى خوجايىننىڭ مېلىنى ساقلاش، قولىدىكى نەرسىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش، بۇيرۇلغان خىزمەتنى تولۇق ئورۇنداش قاتارلىق ئىشلاردىن مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىر كىشى ئۆز دائىرىسىگە مەسئۇل بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنىڭ مەسئۇلىيتى ئومۇم بولۇپ، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ئورنى، مەنسىپى ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويۇنچە سوئال قىلىنىدۇ.
  2. ئايالنىڭ مەسئۇلىتى بەك چوڭ، چۈنكى ئايال ئۆي ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىدۇ، پەرزەنتلەرنى تەربىيلەيدۇ، ئۆزىنىڭ خۇسۇسى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

58 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية
ئەسەرلەر
  • . .
  • . . .
  • . .