1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر

ھەدىس ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق

عَنْ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ اللهِ رضي الله عنهما أَنَّهُ سَمِعَ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:

«إِذَا دَخَلَ الرَّجُلُ بَيْتَهُ، فَذَكَرَ اللهَ عِنْدَ دُخُولِهِ وَعِنْدَ طَعَامِهِ، قَالَ الشَّيْطَانُ: لَا مَبِيتَ لَكُمْ، وَلَا عَشَاءَ، وَإِذَا دَخَلَ، فَلَمْ يَذْكُرِ اللهَ عِنْدَ دُخُولِهِ، قَالَ الشَّيْطَانُ: أَدْرَكْتُمُ الْمَبِيتَ، وَإِذَا لَمْ يَذْكُرِ اللهَ عِنْدَ طَعَامِهِ، قَالَ: أَدْرَكْتُمُ الْمَبِيتَ وَالْعَشَاءَ».

جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق دەيدۇ، ئەمما ئۆيىگە كىرىدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ تاپتىڭلار دەيدۇ، يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپتىڭلار دەيدۇ».

تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى سەھى مۇسلىم - 2018

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئۆيگە كىرگەندە ۋە يىمەك يېيىشتىن ئىلگىرى ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بۇيرىدى، ۋە ئۆيگە كىرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا: "بىسمىللاھ" دەپ ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق ۋە كەچلىك يىمەكمۇ يوق، چۈنكى بۇ ئۆينىڭ ساھىبى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن سىلەردىن ھىمايە قىلىندى دەيدۇ. ئەمما مۇسۇلمان كىشى ئۆيىگە كېرىدىغان ۋاقىتتا, يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە ئۆزلىرىگە قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپقانلىغىدىن خەۋەر بېرىدۇ.

الملاحظة
مراسلة كل جديد
النص المقترح لا يوجد...

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئۆيگە كىرگەندە ۋە يىمەك يىگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش ياخشى كۆرۈلىدۇ. ئۆيگە كىرگەندە، يىمەك يىگەندە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلمىغان ئائىلىلەردە شەيتان قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپىدۇ.
  2. شەيتان ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئىش-ھەرىكىتى ۋە بارلىق تەسەررۇپاتلىرىدا كۈزىتىپ تۇرىدۇ. ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىشتىن غاپىل قالسا شەيتان مەقسەت مۇرادىغا يېتىدۇ.
  3. زىكىر شەيتاننى قوغلاپ چىقىرىدۇ.
  4. ھەر بىر شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە يېقىن كىشىلىرى بولىدۇ، ئۇلار شەيتاننىڭ سۆزىدىن خۇرسەنلىك ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

59 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
BM Bambara البامبارية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية
ئەسەرلەر