1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر

ھەدىس ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇنۇپ ھالىتىمىزدە بىر قاچىدا يۇيىناتتىم، مەن ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئىشتان كىيىۋىلىشقا بۇيرۇپ قۇچاقلايتتى،

عَنْ عَائِشَةَ أُمِّ المُؤمنينَ رضي الله عنها قَالَتْ:

كُنْتُ أَغْتَسِلُ أَنَا وَالنَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مِنْ إِنَاءٍ وَاحِدٍ كِلاَنَا جُنُبٌ، وَكَانَ يَأْمُرُنِي، فَأَتَّزِرُ، فَيُبَاشِرُنِي وَأَنَا حَائِضٌ، وَكَانَ يُخْرِجُ رَأْسَهُ إِلَيَّ وَهُوَ مُعْتَكِفٌ فَأَغْسِلُهُ وَأَنَا حَائِضٌ.

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇنۇپ ھالىتىمىزدە بىر قاچىدا يۇيىناتتىم، مەن ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئىشتان كىيىۋىلىشقا بۇيرۇپ قۇچاقلايتتى، ئۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا مەسچىتتىن بېشىنى چىقىراتتى، مەن ھەيزدار ھالىتىمدە ئۆيدە تۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتىم» دېدى

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى بۇخارى - 299

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان بەزى خاس ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئائىشە ئانىمىز جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىككەيلەن بىر قاچىدىن سۇ ئېلىپ يۇيىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇخلىماقچى بولغاندا، ئەگەر ئۇ ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، كالتا ئىشتان كېيىۋېلىشقا بۇيرىتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن قۇچاقلىشىپ جىمادىن باشقا ئىشلارنى قىلاتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئىتىكاپ قىلغاندا، بېشىنى ھۇجرىسى تەرەپكە چىقىراتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيزدار ھالەتتە ئۆيدە تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ بىر قاچىدىن سۇ ئېلىپ يۇيۇنىشى دۇرۇس بولىدۇ.
  2. ھەيىزدار ئايالنىڭ بەدىنى پاك بولۇپ، جىمادىن باشقا ئىشلارنى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.
  3. ھەيىزدار ئايال ئېرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ياتىغان ۋاقىتتا ئىچ كىيىم كېيىۋېلىشى ياخشى بولىدۇ.
  4. چەكلەنگەن ئىشقا چۇشۇپ قىلىشتىن توسىدىغان سەۋەپلەرنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.
  5. ھەيىزدار ئايالنىڭ مەسچىتتە تۇرىشى چەكلىنىدۇ.
  6. ھۆل-قۇرۇق نەرسىلەرنى بىۋاستە تۇتۇش دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭدەك چاچنى يۇيۇش ۋە تاراپ قويۇشمۇ دۇرۇس بولىدۇ.
  7. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە بولغان گۈزەل مۇئامىلىسى بايان قىلىنىدۇ.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

59 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية
ئەسەرلەر