1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر

ھەدىس مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:

«كُلُّ أُمَّتِي مُعَافًى إِلَّا المُجَاهِرِينَ، وَإِنَّ مِنَ المُجَاهَرَةِ أَنْ يَعْمَلَ الرَّجُلُ بِاللَّيْلِ عَمَلًا، ثُمَّ يُصْبِحَ وَقَدْ سَتَرَهُ اللَّهُ عَلَيْهِ، فَيَقُولَ: يَا فُلاَنُ، عَمِلْتُ البَارِحَةَ كَذَا وَكَذَا، وَقَدْ بَاتَ يَسْتُرُهُ رَبُّهُ، وَيُصْبِحُ يَكْشِفُ سِتْرَ اللَّهِ عَنْهُ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن باشقا ھەممىىسى ئەپۇ قىلىندۇ. گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلىش دېگەن: بىر ئادەم كېچە خاتا ئىشنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىشنى ئاشكارا قىلمىغان، ياپقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ھەي پالانى! مەن كېچىدىن مۇنداق، مۇنداق ئىشنى قىلدىم دەپ ئاللاھ تائالانىڭ يوشۇرغان ئىشنى تاڭ ئاتقاندا ئوچۇق باشقىلارغا دەيدۇ».

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى بۇخارى - 6069

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقى، لېكىن خاتالىقنى ئاشكارا قىلغۇچى بولسا، قىلغان ئىشىدىن پەخىرلەنگەنلىكى ۋە يۈزى قىلىنلىقىدىن ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە مەغپىرەت قىلىشىقا لايىق بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى كېچىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئاشكارا قىلماسلىقى، يۆگىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ كېچىدە پالانى ئايال بىلەن ناچار ئىش قىلغانلىقىنى باشقىلارغا پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ يوشۇرىشى، ئورىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇزۇپ، كۈندۈزدە ئاللاھنىڭ پەردىسىنى يېرتىپ تاشلايدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرغاندىن كېيىن خاتالىقىنى ئاشكارا قىلىش ئىنتايىن قەبىھ ئىشتۇر.
  2. خاتالىقنى ئاشكارا قىلىش بولسا، مۇئ‍مىنلەر ئارىسىدا ناچار ئىشلارنى تارقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
  3. ئاللاھ تائالا دۇنيادا خاتالىقىنى يوشۇرۇپ يۆگىگەن كىشىنى ئاخىرەتتىمۇ يۆگەپ رەسۋا قىلمايدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىدىندۇر.
  4. خاتالىق بىلەن سىنالغان كىشى خاتالىقىنى يوشۇرۇپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىسۇن.
  5. خاتالىقنى باشقىلارغا ئېلان قىلىپ بىلدۈرگەننىڭ جىنايىتى كاتتا بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەپۇ ۋە مەغپىرەت قىلىنىش نېسىۋېسىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

59 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية
ئەسەرلەر
  • . .