1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر

ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى

عَنِ ابْنَ مَسْعُودٍ رضي الله عنه قَالَ:

عَلَّمَنِي رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، وَكَفِّي بَيْنَ كَفَّيْهِ، التَّشَهُّدَ، كَمَا يُعَلِّمُنِي السُّورَةَ مِنَ القُرْآنِ: «التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ». وفي لفظ لهما: «إِنَّ اللهَ هُوَ السَّلَامُ، فَإِذَا قَعَدَ أَحَدُكُمْ فِي الصَّلَاةِ فَلْيَقُلْ: التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ السَّلَامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلَامُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَّالِحِينَ، فَإِذَا قَالَهَا أَصَابَتْ كُلَّ عَبْدٍ لِلَّهِ صَالِحٍ فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ، أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ، ثُمَّ يَتَخَيَّرُ مِنَ الْمَسْأَلَةِ مَا شَاءَ».

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى:«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ». بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تىنچلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا: التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ السَّلَامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلَامُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَّالِحِينَ» دېسە، بۇ سۆز ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەر بىر سالىھ بەندىگە يېتىدۇ، أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ» دەپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دۇئا-تېلەكلەرنى دېسە بولىدۇ.

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى بۇخارى - 6265

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نامازدا دېيىلىدىغان تەشەھھۇتنى تەلىم بەردى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئىلىپ، تەشەھھۇتنى خۇددى قۇرئان كەرىم سۈرىلىرىنى تەلىم بەرگەندەك ئۈگۈتىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەشەھھۇتنىڭ لەپزى ۋە مەنىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ھۆرمەت، ئۇلۇغلاش ئاللاھ ئۈچۈندۇر»: ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاشنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر. نامازلار: ئۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ئاللاھ ئۈچۈن ئادا قىلىنىدىغان پەرز ۋە نەپلە نامازلاردۇر. پاكلىقلار: ئۇ: سۆزلەردىن بولسۇن، ئىش-ھەرىكەتلەردىن بولسۇن، مۇكەممەللىكنى بىلدۈرىدىغان پاك سۈپەتلەر بولسۇن بۇنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ تائالا ھەقلىقتۇر. «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن»: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بارلىق بالايى-ئاپەت ۋە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلاردىن سالامەتلىك تىلەپ، ياخشىلىقنىڭ كۆپ ۋە زىيادە بولىشىنى تېلەپ دۇئا قىلىشتۇر. «بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە سالامەتلىك بولسۇن»: ناماز ئادا قىلغۇچى ۋە ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن سالامەتلىك تېلەپ دۇئا قىلىش. «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن»: كەسكىن جەزىم قىلىپ ئىقرار قىلىمەنكى، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر. «ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر»: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىمەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئادا قىلغۇچىنى ئۆزى خالىغان دۇئالارنى تاللاپ قىلىشقا قىزىقتۇردى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ تەشەھھۇتنىڭ ئورنى بولسا: ھەر نامازدىن ئاخىرقى سەجدىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن بولىدۇ، ئىككىنچى رەكەتتە، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكەتتە بولىدۇ.
  2. تەشەھھۇتتا ئەتتەھەيياتۇنى ئوقۇش ۋاجىپ بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغان تەشەھھۇت لەپزىلىرىنىڭ قايسىسىنى ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ.
  3. نامازدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ.
  4. دۇئانى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن باشلاش ياخشىدۇر.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

58 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية
ئەسەرلەر
  • . .