1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر

ھەدىس ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار. لېكىن ئاللاھ تائالا خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار

عَنْ حُذَيْفَةَ رضي الله عنه أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:

«لَا تَقُولُوا: مَا شَاءَ اللهُ وَشَاءَ فُلَانٌ، وَلَكِنْ قُولُوا: مَا شَاءَ اللهُ ثُمَّ شَاءَ فُلَانٌ».

ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار. لېكىن ئاللاھ تائالا خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار»

ھەممە يوللىرى بىلەن سەھى ئەبۇ داۋۇد، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان نىسائىينىڭ سۈنەن ئەل كۇبرا - 10755

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان سۆز قىلغاندا :«ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىدى. ياكى ئاللاھ تائالا خالىسا ۋە پالانى: بۇنداق بولىشى: ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى ۋە ئىرادىسى مۇتلەق بولۇپ ئۇنىڭغا ھېچ كىم شېرىك بولالمايدۇ. كېيىنكى جۈملىنى باشتىكى جۈملىگە ئۇلاشتا«ۋاۋ» ھەرىپىنى ئىشلەتكەندە، كېيىنكى جۈملىدىكى بىر شەخسنى باشتىكى جۈملىدىكى ئاللاھ بىلەن شېرىك قىلىش ۋە ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىشنى تەقەززا قىلىپ قويىدۇ. لېكىن ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭدىن كېيىن پالانى خالىسا دېسە بولىدۇ. بەندىنىڭ خالىشىنى ئاللاھنىڭ خالىشىغا ئەگەشتۈرۈشتە «ۋاۋ» ھەرىپىنى ئىشلەتمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا «سۈممە» ھەرىپىنى ئىشلەتكەندە، ئۇ ئەگىشىپ كېلىش ۋە كېيىن كېلىشنى بىلدۈرىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. «ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ» دېگەن سۆزلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاللاھ تائالاغا «ۋاۋ» ھەرىپى بىلەن ئۇلانغان سۆزلەرنى قىلىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى شېرىك بولىدىغان سۆز ۋە لەپزىلەردۇر.
  2. «ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭدىن كېيىن سەن خالىساڭ» دېگەن سۆز ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاللاھ تائالاغا ئۇلىغاندا چەكلىمە بولمىغان ھەرىپلەر بىلەن ئۇلانغان سۆزلەرنى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.
  3. ئاللاھ ئۈچۈن خالاشنى ئىسپاتلاش، بەندى ئۈچۈنمۇ خالاشنى ئىسپاتلاش. بەندىنىڭ خالىشى ئاللاھنىڭ خالىشىغا كۆرە بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.
  4. «ۋاۋ» ھەرىپى بىلەن ئاللاھنىڭ خالىشىغا مەخلۇقاتلارنى شېرىك قىلىش چەكلىنىدۇ.
  5. ئەگەر بىر كىشى: بەندىنىڭمۇ ئاللاھنىڭ خالىغىنىغا ئوخشاش خالىشى بولىدۇ دەپ، مۇتلەقلىق ۋە ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئېلىشتا باراۋەر قىلسا، ياكى بەندىنىڭمۇ مۇستەقىل خالىشى بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلسا بۇ چوڭ شېرىك بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن تۆۋەنرەكىنى ئېتىقاد قىلسا كېچىك شېرىك بولىدۇ.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

58 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية
ئەسەرلەر
  • . .