1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر

ھەدىس كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش يوقتۇر، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن

عَنْ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ رضي الله عنه عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:

«لَا عَدْوَى، وَلَا طِيَرَةَ، وَيُعْجِبُنِي الْفَأْلُ» قَالَ قِيلَ: وَمَا الْفَأْلُ؟ قَالَ: «الْكَلِمَةُ الطَّيِّبَةُ».

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش يوقتۇر، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن».

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى مۇسلىم - 2224

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېسەلنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرىسىز يۇقىدىغانلىقى ۋە بىر-بىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بولغان جاھىلىيەت ئېتىقادىنىڭ توغرا ئەمەس، باتىل ئىكەنكىلىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش توغرا بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ كۆزى كۆرگەن ياكى قۇلىقى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر ئۇچارلىق ياكى ھايۋان ياكى مېيىپلەر ياكى ساناق سانلار ياكى كۈنلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردىن شۇم پال ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەدىستە «تەير» ئۇچارلىقتىن دېگەن سۆز ئېشلىتىلدى، چۈنكى ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەپلەرنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر بولغان. ئىشنىڭ ئەسلى: ئۇلار سەپەرگە چىقماقچى ياكى تىجارەت قىلماقچى ھەتتا توي قىلماقچى بولسىمۇ بىر قۇشنى قويىۋېتەتتى، ئەگەر قۇش ئوڭ تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن ياخشىلىق دەپ پال ئېلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىنى داۋاملاشتۇراتتى، ئەگەر قۇش سول تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن شۇم پال ئېلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىدىن قول ئۈزەتتى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ياخشى پالدىن خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى، ئۇ بولسىمۇ: ئىنسانغا ئۇنى سۆيۈندۈرىدىغان ۋە خۇرسەن قىلىدىغان ياخشى سۆزلەرنى قىلىش بولۇپ، بۇ سۆز ئىنساننى رەببى ھەققىدە ياخشى گۇماندا بولىدىغان قىلىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش كېرەك، ھەر قانداق ياخشىلىق ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ ۋە ھەر قانداق يامانلىقنى پەقەت ئاللاھ دەپئى قىلىدۇ.
  2. قۇشلارنىڭ ئاۋازى ۋە ئۆزىدىن شۇم پال ئېلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا كۆرە قىلىدىغان ئىشتىن قول ئۈزۈش چەكلىنىدۇ،
  3. خۇش پائال دېگەن چەكلەنگەن شۇم پال ئىلىشنىڭ جۈملىىسىدىن ئەمەس بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالاغا ياخشى قاراشتا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
  4. ھەممە ئىش يەككە-يىگانە، ھېچ شېرىكى يوق بىر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

58 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية
ئەسەرلەر
  • . .