1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر

ھەدىس ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن

عن سَعِيدِ بْنِ الْمُسَيَّبِ، عَنْ أَبِيهِ قَالَ:

لَمَّا حَضَرَتْ أَبَا طَالِبٍ الْوَفَاةُ، جَاءَهُ رَسُولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم فَوَجَدَ عِنْدَهُ أَبَا جَهْلٍ وَعَبْدَ اللهِ بْنَ أَبِي أُمَيَّةَ بْنِ الْمُغِيرَةِ، فَقَالَ: «أَيْ عَمِّ، قُلْ: لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، كَلِمَةً أُحَاجُّ لَكَ بِهَا عِنْدَ اللهِ»، فَقَالَ أَبُو جَهْلٍ وَعَبْدُ اللهِ بْنُ أَبِي أُمَيَّةَ: أَتَرْغَبُ عَنْ مِلَّةِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، فَلَمْ يَزَلْ رَسُولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم يَعْرِضُهَا عَلَيْهِ، وَيُعِيدَانِهِ بِتِلْكَ الْمَقَالَةِ، حَتَّى قَالَ أَبُو طَالِبٍ آخِرَ مَا كَلَّمَهُمْ: عَلَى مِلَّةِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، وَأَبَى أَنْ يَقُولَ: لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم: «وَاللهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ مَا لَمْ أُنْهَ عَنْكَ»، فَأَنْزَلَ اللهُ: {مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ} [التوبة: 113]، وَأَنْزَلَ اللهُ فِي أَبِي طَالِبٍ، فَقَالَ لِرَسُولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم: {إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ} [القصص: 56].

سەئىيد بىن مۇسەييىب ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ:
ئەبۇ تالىپ سەكراتقا چۈشكەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن ئېدى، ئۇنىڭ يېنىدا ئەبۇ جەھىل ۋە ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييەنى كۆردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن»دېدى، ئەبۇ جەھىل بىلەن ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييە ئۇنىڭغا: ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتىشنى تەكرارلىدى، ئەبۇ جەھىل بىلەن ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييەمۇ:" ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن" دېگەن سۆزىنى تەكرارلىدى، ھەتتا ئەبۇ تالىپ ئاخىرىدا: مەن ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدا دېگەن سۆزنى دەپ ۋاپات بولدى، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن سۆزنى دېگىلى ئۇنىمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن چەكلەنمىسەم سەن ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن» دېدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىدى:﴿‏مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ﴾‏ تەرجىمىسى:«پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» [سۈرە تەۋبە 113-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ئەبۇ تالىپ توغىرسىدا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى: ﴿‏إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ﴾‏ تەرجىمىسى:«شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى بۇخارى - 4772

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىپ سەكراتقا چۈشكەندە يېنىغا كېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن»دېدى، ئەبۇ جەھىل ۋە ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييە ئۇنىڭغا: ئەي ئەبۇ تالىپ! ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن دېدى، ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنى بۇتقا چوقۇنۇش، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئېدى. ئەبۇ تالىپ ئاخىرىدا: مەن ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدا دېگەن سۆزنى دەپ ۋاپات بولدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا:«رەببىم مېنى چەكلىمىسىلا، سەن ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىمەن» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» [سۈرە تەۋبە 113-ئايەت]. ئەبۇ تالىپ توغرىسىدا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ»[سۈرە قەسەس 56-ئايەت]. ھەقىقەتەن سەن ياخشى كۆرگەن كىشىڭنى ھىدايەتكە باشلىيالمايسەن، سېنىڭ ۋەزىپەڭ يەتكۈزۈش، ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇشرىكلار بىلەن قانچىلىك يېقىن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەت بولسۇن، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشى ۋە ياخشىلىقى قانچىلىك بولسۇن ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىش ھارام قىلىندى.
  2. توغرا بولمىغان، باتىل ئىشلاردا ئاتا-ئەجدادلارغا ۋە چوڭلارغا قارغۇلارچە ئەگىشىش جاھىلىيەت قىلمىشىدۇر.
  3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنى دەۋەت قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا بەك ھېرىسمەنلىكى، ئۇلارغا بەك كۆيۈنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
  4. ئەبۇ تالىپ مۇسۇلمان بولغان دېگەنلەرگە رەددىيە.
  5. ئەمەللەر تۈگەنچىسى بىلەن بولىدۇ.
  6. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە باشقىلارنى پايدا يەتكۈزۈش ياكى زىياننى يوق قىلىشقا ئالاقىدار قىلىۋېلىش توغرا بولمايدۇ.
  7. كىمىكى بىلىپ، ئىشەنچ بىلەن ئېتىقاد قىلىپ «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق»دېسە ئىسلامغا كېرىدۇ.
  8. ناچار دوست، يامان ھەمراھلار ئىنسانغا زىيانلىقتۇر.
  9. «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: بۇتقا، ئەۋلىيالارغا ۋە ياخشى كىشىلەرگە چوقۇنۇشنى تەرك قىلىش، ئىبادەتنى يالغۇز بىر ئاللاھقا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، ھەقىقەتەن مۇشرىكلار بۇنىڭ مەنىسىنى بىلەتتى.
  10. مۇسۇلمان بولىشى ئۈمىت قىلىنغان مۇشرىك كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش دۇرۇس بولىدۇ.
  11. ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىش ھېچ شېرىكى يوق يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىدايەتنى بىلدۈرىدۇ، يېتەكلەيدۇ ۋە يەتكۈزىدۇ.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

59 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية
ئەسەرلەر
  • .
  • .