1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر

ھەدىس ئىستىغپارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى

عَنْ شَدَّادِ بْنِ أَوْسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:

«سَيِّدُ الِاسْتِغْفَارِ أَنْ تَقُولَ: اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي لاَ إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ، خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ، وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَيَّ، وَأَبُوءُ لَكَ بِذَنْبِي فَاغْفِرْ لِي، فَإِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا أَنْتَ» قَالَ: «وَمَنْ قَالَهَا مِنَ النَّهَارِ مُوقِنًا بِهَا، فَمَاتَ مِنْ يَوْمِهِ قَبْلَ أَنْ يُمْسِيَ، فَهُوَ مِنْ أَهْلِ الجَنَّةِ، وَمَنْ قَالَهَا مِنَ اللَّيْلِ وَهُوَ مُوقِنٌ بِهَا، فَمَاتَ قَبْلَ أَنْ يُصْبِحَ، فَهُوَ مِنْ أَهْلِ الجَنَّةِ».

شەدداد بىن ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ئىستىغپارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى:«ئەي ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەئ‍بۇد يوق، سەن مېنى يوقتىن بار قىلدىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە، ئەھدەمگە كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىمەن، قىلغان ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھ-خاتالىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچ كىشى مەغپىرەت قىلالمايدۇ» دېيىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىستىغپارنى كۈندۈزدە چىن دىلى بىلەن ئىشىنىپ دەپ شۈ كۈنى كەچ كېرىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ. بۇ ئىستىغپارنى كېچىدە چىن دىلى بىلەن ئىشىنىپ دەپ شۈ كېچىسى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ».

تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى سەھى بۇخارى - 6306

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىستىغپارنىڭ شەكىللىرىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە كاتتىسىنىڭ مۇنداق دېيىش بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: « ئەي ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەئ‍بۇد يوق، سەن مېنى يوقتىن بار قىلدىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە، ئەھدەمگە كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىمەن، قىلغان ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھ-خاتالىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچ كىشى مەغپىرەت قىلالمايدۇ» ئالدى بىلەن بەندە ئاللاھنىڭ بىرلىكى يەككە-يىگانە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھېچ قانداق شېرىكى يوق، ھەق مەبۇد ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەرگەن ۋەدىسىگە كۈچىنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى بەندە تائەت-ئىبادەتلەرنى ھەر قانچە كۆپ ئادا قىلسىمۇ ئاللاھ تائالا بۇيرىغاننىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئادا قىلىشقا ۋە نېمەتلەردىن شۈكۈر ئېيتىش ۋاجىپ بولغان ھەممە پەرز، ۋاجىپلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، ئۇ كىشى ئاللاھقا يېلىنىدۇ، يالۋۇرىدۇ، ئاللاھ بىلەن كۈچلىنىدۇ، ئۆزى قىلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيدۇ. بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرىنى بىلىدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ خاتالىقى ۋە گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان مۇشۇ ۋاسىتىدىن كېيىن، رەببىگە دۇئا قىلىپ، ئۆزىنى مەغپىرەت قىلىشنى، خاتالىقلىرىنى يېپىشنى، ئۆزىنىڭ پەزلى، رەھمىتى ۋە ئەپۇچانلىقى بىلەن خاتالىقنىڭ جازاسىدىن ساقلىشىنى سورايدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئىستىغپار دۇئاسىنىڭ ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىرلەردىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇ ئىستىغپار دۇئاسىنى چىن دىلىدىن مەنالىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىشىنىپ، كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە دېسە، يەنى كۈن چىققاندىن تاكى كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا دېسە-بۇ كۈندۈز ۋاقتى ھېساپلىنىدۇ- شۇ ئارىدا ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ. كىمىكى بۇ ئىستىغپارنى كېچىدە دەپ، ئۇ ۋاقىت: كۈن پاتقاندىن باشلاپ تاڭ يورىغىچە بولغان ئارىلىق، تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولسا جەننەتكە كېرىدۇ.

الملاحظة
أعتقد أن هذه الجملة نسيت كتابتها { ثم مات من يومه قبل أن يمسي دخل الجنة }
النص المقترح لا يوجد...

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىستىغپارنىڭ شەكىللىرى تۈرلۈك بولۇپ ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن پەزىلەتلىك بولىدۇ.
  2. ئىنسان مۇشۇ دۇئا بىلەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك، چۈنكى بۇ ئىستىغپارلارنىڭ ئۇلۇغىدۇر.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

58 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية
ئەسەرلەر