عن المِقدام بن معدي كرب رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«إِذَا أَحَبَّ الرَّجُلُ أَخَاهُ فَلْيُخْبِرْهُ أَنَّهُ يُحِبُّهُ».

[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي في الكبرى وأحمد] - [سنن أبي داود: 5124]
المزيــد ...

مىقدام بىن مەدىي كەرۈب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي في الكبرى وأحمد] - [سۈنەن ئەبۇ داۋۇد - 5124]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئۆز ئارا مېھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەردىن بىرىنى بايان قىلىپ، ئۇ بولسىمۇ؛ ئىنسان بىر دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ.
  2. ئارىدىكى مېھرى-مۇھەببەت ۋە يېقىنلىق زىيادە بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئۆزىنىڭ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  3. ئىمانى قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنىڭ بۆلۈنۈپ ۋە پارچىلىنىپ كېتىشىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن مۆمىنلەر ئۆز-ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى ئاشكارا قىلىشى كېرەك.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ