ھەدىسلەر تىزىملىكى

1. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياغ كەيگەندە، چاچ تاراپ مايلىغاندا، تاھارەت ئالغاندا ۋە بارلىق ئىشلىرىدا ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
2. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر چۈشنى كۆرسە، ياخشى چۈش ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ، ئاللاھغا ھەمدۇ-سەنا ئېيتسۇن ۋە بۇ چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
3. كىمىكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچە بېقىپ، تەربىيلىسە قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بۇ ئىككىسىدەك بولىمىز
عربي الإنجليزية الأوردية
4. ناۋادا ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ دېمىسەم ھەر نامازغا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم
عربي الإنجليزية الأوردية
5. كىشلەر ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇزغاندا ئىككى پەرىشتە زېمىنغا چۈشۈپ، بىرى: ئى ئاللاھ، چىقىم قىلغۇچىغا ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، چىڭ سىقىۋالغۇچىغا ۋەيرانچىلىق بەرگىن! دەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
6. ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىبىڭدىن، سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن ۋە سەندىن ئۆزۈڭ بىلەن پاناھلىنىمەن، سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن - 2 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
7. مەن سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: ئاجىز، باشقىلارنىڭ نەزىرى ئانچە چۈشمەيدىغان كىشىلەردۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا قەسەم قىلسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلاپ بېرىدۇ. مەن سىلەرگە دوزاخ ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: قوپال، ئېچى تار، تەكەببۇر كىشىلەردۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
8. ياخشى چۈش «يەنە بىر ئىبارىدە گۈزەل چۈش دەپ كەلگەن» ئاللاھ تائالا تەرەپتىن، يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
9. تىلىڭنى يىغ، ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىل، خاتالىقلىرىڭغا يىغلىغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
10. ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ياكى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن
عربي الإنجليزية الأوردية
11. ئاللاھنىڭ يولىدا بەندىنىڭ ئىككى پۇتى توپىغا مىلەنسە، ئۇنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
12. قانداق بىر قەۋم بىرەر سورۇندىن ئاللاھنى ئەسلىمەي تۇرۇپ كەتسە، خۇددى ئېشەكنىڭ تاپى ئۈستىدىن تۇرۇپ كەتكەندەك بولىدۇ، ئۇ سورۇن ئۇلار ئۈچۈن ھەسرەت بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
13. پەرۋەردىگارىنى ئەسلەيدىغان كىشى بىلەن ئەسلىمەيدىغان كىشى ئۆلۈك بىلەن تىرىككە ئوخشاش
عربي الإنجليزية الأوردية
14. ھەقىقەتەن مېنىڭدىن كىيىن قالغىنىڭلاردا، دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننەتلىرىنىڭ سىلەرگە يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن - 2 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
15. قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرىزنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسۇن ياكى قەرىزنى كەچۈرۋەتسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
16. دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەپۇچان ۋە كەڭ قورساق بولساڭ، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
17. كىمىكى بىر كۈن ئاللاھ يولىدا خالىس روزا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ يۈزىنى دوزاختىن70 يىللىق مۇساپىدە يىراق قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
18. ئىنسانلار ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئۇلار دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
19. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىتىر زاكىتىنى كۈندۈلۈك يىمەكلىكىمىزدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا، قۇرۇتتىن بىر سا ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سا بىرەتتۇق. مۇئاۋىيەنىڭ زامانىدا شامنىڭ بۇغدايلىرى كىلىۋېدى، ئۇ دېدىكى: بۇنىڭدىن بىر ئۇۋۇچى ئۇنىڭدىن ئىككى ئۇۋۇچقا تەڭ كېلىدۇ، دەپ قارايمەن دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
20. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە قەدەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا تۇراتتى، پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن ئاياللىرىمۇ ئېتىكاپ قىلىشتى
عربي الإنجليزية الأوردية
21. سوھۇرلۇق يەڭلار! ھەقىقەتەن ئۇنىڭدا بەرىكەت باردۇر - 2 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
22. رامزان ئېيىنىڭ بېشىغا بىر ياكى ئىككى كۈننى ئۇلاپ روزا تۇتماڭلار! ئەمما نورمالدا مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى ئادەت قىلغان ئادەم تۇتسا بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
23. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرز قىلىپ بىكىتكەن «رامىزاندا دېگەندەك رىۋايەتمۇ بار» بەزى ساھابىلەر ئارپا، خورمىنىڭ ئورنىغا يېرىم سا بۇغداي بەرگەن، مەيلى كىچىك بالا بولسۇن مەيلى چوڭ ئادەم بولسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
24. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كىچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا سەپەر قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ - 2 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
25. قانداق بىر روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ-ئىچكەن بولسا، ئۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بەرگەنلىكىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
26. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشتىن توسقان، رامىزان روزىسىدىن ئېغىز ئاچقان كۈندە، يەنە بىر كۈن بولسا، قۇربانلىق قىلغان گۆشنى يەيدىغان كۈندە
عربي الإنجليزية الأوردية
27. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەلبىيەدە مۇنداق دەيتى: مەن ھازىرمەن ئى ئاللاھ مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇ-سانا، نېمەت ۋە پادىشاھلىق پەقەت ساڭىلا خاستۇر، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
28. قەدىر كېچىسىنى ئاخىرىقى ئوندىكى تاق كېچىلەردىن ئىزدەڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
29. مېنىڭ قارىشىمچە چۈشلىرىڭلار ئاخىرقى يەتتە كۈندە بىرلىككە كەلدى، قەدىر كېچىسىنى ئىزدىگۈچىلەر ئاخىرقى يەتتە كۈندە ئىزدىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
30. كىمىكى مۆمىندىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋەتسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىدىن قىيامەتنىڭ ئېغىرچىلىقىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۋىتىدۇ، كىمىكى بىر كىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىدۇ، كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەيپىنى ياپىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
31. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مۇسىبەت يەتكەندە ۋارقىراپ - جارقىرايدىغان، قاتتىق نالە-پەرياد قىلغانلىقتىن چاچلىرىنى يۇلىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە نارازى بولغانلىقتىن كىيىم كېچەكلىرىنى يىرتىدىغان ئاياللاردىن ئادا - جۇدادۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
32. ئىسرائىل ئەۋلادىنى پەيغەمبەرلەر باشقۇراتتى، ھەر قاچان بىر پەيغەمبەر ۋاپات بولسا ئورنىغا يەنە بىرى كېلەتتى، مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، مەندىن كېيىن كۆپ خەلىپىلەر بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
33. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە كېچىچە ئىبادەت قىلاتتى، ئائىلىسىنى نامازغا ئويغىتاتتى ۋە ھېممەت كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ ئىبادەتتە تىرىشچانلىق قىلاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
34. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە، تۆۋەندىكى دۇئانى كۆپ تەكرارلايتتى: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
35. كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى قەسەم بىلەن ناھەق يىۋالسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇنى جەننەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
36. كۆپ كىشىلەر سالامەتلىك ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى نېمەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
37. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ئىخچام، مەزمۇنى مول دۇئالارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنى تاشلايتى
عربي الإنجليزية الأوردية
38. سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشىسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشسىنى تىلەيمىز، بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى ئاپەتتىن ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز، دەڭلار!
عربي الإنجليزية الأوردية
39. سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلغىنىدا: "ئى ئاللاھ! ئەگەر خالىساڭ مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەگەر خالىساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن" دېمىسۇن. بەلكى سورىغانلىرىدا قەتئىي بولسۇن، تىلىكىنىڭ قوبۇل بولىشىغا ئىشەنچ قىلسۇن. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ - 2 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
40. مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
41. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
42. مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى ئۈچراشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھلىرى كەچۈرلىدۇ - 2 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
43. كىمكى سۈرە كەھپنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت ياد ئالسا دەججالدىن ساقلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
44. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايالچە كىيىم كىيىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرەنچە كىيىم كىيىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
45. بۇ ئىككى كەشنى ئېلىپ، بۇ باغنىڭ ئەتراپىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر مەئبۇد بەرھەقنىڭ يوقلۇقىغا چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن ھەر بىر كىشىگە جەننەت بىلەن بېشارەت بەرگىن
عربي الإنجليزية الأوردية
46. ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ رومالسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
47. بەدىر ئۇرۇشى ۋە ھۈدەيبىيە سۈلھىسىگە قاتناشقان كىشى ھەرگىز دوزاخقا كىرمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
48. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا ئەتىگەن-كەچلەردە ئۇنىڭ ئورنى كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولسا، جەننەتتىكى ئورنى، دوزاخ ئەھلىدىن بولسا دوزاختىكى ئورنى كۆرسىتىلىپ تۇرىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية